تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەرزىيەتلەرنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا 33 ـ تۈركۈمدىكى 23 پارچە ئەرزىيەتنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامما خەت ـ چەك ئارقىلىق ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى 17 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى ئالتە پارچە. بۇنىڭ بىلەن، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشقان مەزگىلدىكى ئەرزىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈش تاماملاندى.

33 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەتلەر يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىشلىق بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئالتە پارچە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئۈچ پارچە، ئالتاي ۋىلايىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئۈچ پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئىككى پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى بىر پارچە. بۇلغىنىش تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 17 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە ئېكولوگىيە، ئاتموسفېرا، سۇغا چېتىلىدىغانلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %35.3ى، %29.4ى، %23.5ىنى ئىگىلەيدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا شىنجاڭغا 33 تۈركۈمدە جەمئىي 2087 پارچە ئەرزىيەت بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 1755 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 332 پارچە.

ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1755 پارچە ئەرزىيەتنىڭ ھەممىسى تەرتىپ بويىچە بىردەك ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 811 پارچە، سانجى ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 181 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 151 پارچە، بايىنغولىن ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 130 پارچە، قومۇل شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 114 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 71 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 55 پارچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 47 پارچە، ئالتاي ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 47 پارچە، تۇرپان شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 40 پارچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 39 پارچە، قاراماي شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 23 پارچە، خوتەن ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 19 پارچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 15 پارچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 12 پارچە. بۇلغىنىش تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 517 پارچە، سۇغا چېتىلىدىغىنى 201 پارچە، تۇپراققا چېتىلىدىغىنى 259 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 351 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 195 پارچە، رادىياتسىيەگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە، باشقا بۇلغىنىشقا چېتىلىدىغىنى 230 پارچە بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %29.5ى، %11.5ى، %14.8ى، %20ى، %11.1ى، %0.1ى، %13.1ىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.