تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

«سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش» ≠ گۆشسىز تاماق يېيىش

  «سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش»≠ گۆشسىز تاماق يېيىش، مۇتەخەسسىسلەر: « تۆت ئاز، بىر تەڭپۇڭ بولۇش» تەكلىپى بەردى

  ئاشقازان- ئۈچىيى ياخشى ئەمەس، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغان، ئېغىر كېسەلدىن يېڭى قوپقان كىشىلەرگە كىشىلەر دائىم «سۇيۇق- سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش» سالامەتلىككە پايدىلىق، دەپ تاپىلايدۇ.

  قانداق تاماق يېسە ئاندىن «سۇيۇق- سەلەڭ تاماق» يېگەنلىك بولىدۇ؟ كونكرېت پايدىلىنىش ئۆلچىمى بارمۇ؟ شاڭخەي جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى داشۆسى قارمىقىدىكى شۇگۇاڭ دوختۇرخانىسىدىكى ياڭ لىن بىزنى ئوزۇقشۇناسلار نۇقتىسىدىن «سۇيۇق- سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش»كە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلىدى.

  «سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش» ھەمىشە گۆشسىز تاماق يېيىش دېگەنلىك ئەمەس. «خۇاڭدىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى»دا «بەش خىل زىرائەتنى ئاساس قىلىش، بەش خىل مېۋىنى قوشۇمچە قىلىش، بەش خىل چارۋا گۆشىدىن مەنپەئەتلىنىش، بەش خىل كۆكتات بىلەن تولۇقلاش»تىن ئىبارەت يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشەش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ، ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق ئىلمىدا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان «يېمەكلىكلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەم يېمەكلىكلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش» بىلەن ماس كېلىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، «سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يېيىش» توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە «تۆتنى ئازايتىش، بىرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى، كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قوبۇل قىلىدىغان ناترىي مىقدارى ئىككى گىرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك. بۇ سان قورۇما قورۇغاندا ئىشلىتىلىدىغان تۇز ھەم ناترىي تەركىبى يۇقىرى تېتىتقۇلار (ۋېيجىڭ، جياڭيۇ) بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر (تۇزلانغان سەي، خوتۈي، ھەر خىل قورۇلغان ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەر)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا (ناترىي بېنزوئات)، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچى دورا (ناترىي ساخارىن) ۋە رەڭلەندۈرگۈچى دورا (ناترىي نىترات) قاتارلىقلار يېمەكلىك پىششىقلاش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچلار، ئازراق سودا ياكى ئېچىتقۇ قوشۇپ تەييارلانغان ئۇن تاماقلىرى، تورت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ناترىي بولىدۇ.

  تاماق ئەتكەندە تۇز چەكلەش قوشۇقى ئىشلىتىش، تۇز مىقدارى ۋە بىر قىسىم تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئىشلىتىشنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش، تەبىئىي خۇش پۇراق ماتېرىياللار بىلەن تەمنى تەڭشەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، لىمون شەربىتى، ئاچچىقسۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتكەندىمۇ، تۇز ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ماينى ئاز ئىستېمال قىلىش

  ھەر كۈنى تاماق ئەتكەندە ئىستېمال قىلىدىغان ماينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى 25 - 30 گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىش، مايدا قورۇلغان، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  مەسىلەن، ئۆيدە شوخلا- تۇخۇم قورۇمىسى قورۇغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر ئىككى قېتىم ماي قۇيىدۇ: مايدا قورۇلغان تۇخۇم (1-قېتىم) ؛ تۇخۇمنى قورۇپ بولۇپ ئۇسۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە ماي قويۇپ شوخلىنى قورۇيدۇ (2-قېتىم) ؛ يەنە قورۇغان تۇخۇم بىلەن شوخلىنى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇخۇم قورۇغاندا ماي ئاز بولۇپ قالسا چېچىلىپ تۇرمايدۇ، شوخلا قورىغاندا ماي ئاز بولۇپ قالسا شىرنىسى چىقمايدۇ. شۇڭا، بۇ قېرى- ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان، تەمى ۋە پۇرىقى تولۇق بولغان ئىككى كىشىلىك ئادەتتىكى قورۇمىغا 30 - 40 گىرامغىچە ماي ئىشلىتىلىدۇ.

  تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك، مەسىلەن: ھوردا پىشۇرۇش، قاينىتىش، دۈملەش، ئارىلاشتۇرۇش، كۈچلۈك ئوتتا تېز قورۇش قاتارلىقلار، ماينى تەكرار ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، يېڭى كىچىك ئورالمىلىق ماينى تاللاش، ھەم تۈرىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  شېكەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش

  «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2016)»دە مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان خۇرۇچ شېكىرىنىڭ مىقدارى 50 گىرامدىن ئاز بولۇشى، ئەڭ ياخشىسى 25 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  خۇرۇچ شېكىرى يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش ۋە تەييارلاش جەريانىدا يېمەكلىك ياكى ئىچىملىككە قوشۇلىدىغان شېكەر ياكى شېكەر قىيامىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قومۇش شېكىرى (ئاق شېكەر، قارا شېكەر، قۇم شېكەر)، گلۇكوزا، مېۋە شېكىرى (كىرىستال ياكى كرىستالسىز) ، ھەر خىل شېكەر قىيامى (ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى مېۋە- گلۇكوزا شېكەر قىيامى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شاڭخەي ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇراھال بىر ئىستاكان سۈتلۈك چاينىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى 34 گىرام بولۇپ، ئەگەر ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ئىچكەندە، شېكەر قوشقاندىلا تەملىك بولىدىغان قورۇما (مەززىلىك بېلىق قەلەمچىسى، پېدىگەن تەملىك بېلىق پارچىسى، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان توخۇ پاچىقى قاتارلىقلار)نى يېمەسلىك كېرەك.

  خۇرۇچ شېكىرى ساپ ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك بولۇپ، پېچىنە، شاكىلات، قەنت- گېزەك، تورت، مۇراببا، ئىچىملىك، قىسمەن ئارپا پارچىلىرىنىڭ تەركىبىدە خۇرۇچ شېكىرى بار، ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك.

  ئاچچىقنى ئاز ئىستېمال قىلىش

  ئاچچىق − تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاش ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاغرىق سېزىمى بولۇپ، كۆكتاتلاردا لازا، باش پىيازنى ۋەكىل قىلغان، يەنە بەزى ئالىملار ھەر خىل پۇراقلىق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ئاچچىق يېمەكلىك دەپ قارايدۇ.

  ئەگەر ئادەم تېنى ئاجىزلاپ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، داۋاملىق ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېسە، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، زىققە، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلى، گېموروي بىمارلىرى ئاچچىق تاماقلاردىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك ئىكەن.

 

  ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئەڭ مۇھىم

  ھېچقانداق بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تولۇق بولمايدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2016)»دە ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىش، ھەر ھەپتىدە 25 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىكنى قوبۇل قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان. ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىش، زىيادە تويۇنۇپ يېمەسلىك، بەش خىل تەمگە خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشلا ئەڭ مۇۋاپىق يېمەك- ئىچمەك پىرىنسىپى.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.