تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سىزنى قۇملۇقتىكى «خىيالىي دۇنيا»غا باشلاپ باراي

«نەچچە ئون قەدەم ماڭسىڭىز، كەيپىيات بىراقلا كۆتۈرۈلىدۇ» 
شۇنىڭ بىلەن «خىيالىي دۇنيا»غا كىرىپ قالىسىز
شىنجاڭدا، بىر بۆلەك قۇملۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن
بىر «خىيالىي دۇنيا» بار
بۇ دەل لوپنۇرلۇقلار كەنتى

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @كەي كەي

پايانسىز قۇملۇق

قۇملۇق تىلغا ئېلىنسا
كاللىمىزدا بوران سېرىق قۇملارنى ئۇچۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولىدۇ 
لوپنۇرلۇقلار كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىدا

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ شىنجاڭ دالىدا بۆسۈش ئەترەت باشلىقى بودەك

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ چياۋتەي ساياھىتى

كۆپكۆك ئاسمان ۋە  كۈلرەڭ سېرىق قۇملۇق 
قۇم بارخانلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل 
ئۇلار قۇياش نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 
گۈزەل يۆگىمە رەسىملەرنى ھاسىل قىلىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @joyi

سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى


قۇملۇقتا 
يەنە كۆلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئويلاپ باقمىغانسىز
شېننۈخۇ كۆلى قۇملۇق ئىچىگە يوشۇرۇنغان سىرلىق بوستانلىق

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ ئەقىللىق پۇرچاق

سۈرەت مەنبەسى: ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى @ لوپنۇر نۆل ئارىلىق

كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ
ھەر خىل قۇشلار بۇ يەردە ئۈزۈپ ئوينىغاچ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ 
ئەتراپىدىكى ساپسېرىق قۇملارنىڭ تەسىرىگە قىلچىمۇ ئۇچرىمايدۇ
يىراقتا قۇملۇق، يېقىندا كۆل

قەد كۆتۈرگەن توغراقلار

قۇملۇقتىكى توغراقلىق
قۇم-بوران ۋە قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ 
قۇمساڭ توپىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ
كىشىلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىدىن تەسىرلەندۈرىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ يىنلۇفېڭ ساياھىتى

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ يىنلۇفېڭ ساياھىتى

توغراقلىققا كىرگەندە
كۆز ئالدىڭىزدىكى تۈرلۈك-تۈمەن توغراقلارغا قاراپ
ئۆزىڭىزنى خۇددى كۈز پەسلىدىكى چۆچەكلەر دۇنياسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ پۇرچاق ئاكا ساياھىتى

لوپنۇردىكى ئۆرپ-ئادەت 

لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە كىرگەندە
كۆزگە چېلىقىدىغىنى بىر ئالاھىدە بەلگە بولۇپ
كەنت دەرۋازىسى خۇددى بىر قالپاق كىيگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ 
ئىككى تەرىپىدە بېلىق توتېمى بار

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ پېڭزەي شوۋشىن

سۈرەت مەنبەسى: ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇر @ چېڭدۇ زاڭدى مىما

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ پۇرچاق ئاكا ساياھىتى

لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە چوقۇم يېيىشكە تېگىشلىكى دەل قەدىمكى ئۇسۇلدا پىشۇرۇلىدىغان بېلىق كاۋىپى 
ئۈچ تال دەرەخ شېخى بىلەن

بېلىقنى خۇددى قانىتىنى ئاچقاندەك يېيىپ

زىخقا ئۆتكۈزۈپ، زىخنى قۇمغا سانجىپ
  كىچىك دۆۋە كۆيۈۋاتقان توغراق ئوتۇنىغا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ جىئەي جياڭۋۇ JIANGLOVE

بىر چىشلىسەكلا
بېلىق كاۋىپىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئىشتىھايىڭىزنى ئاچىدۇ
ئارقىدىن دەرەخ شېخىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە تەۋە بىر خىل خۇشھىد
تەم سەزگۈمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك غىدىقلايدۇ
بېلىق كاۋىپىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ۋە ئۆسۈملۈك خۇشھىدى ئېغىز بوشلۇقىمىزدا ئارىلىشىپ
تەم مول ھەم مەززىلىك بولىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ @ Roy بىلەن Sueنىڭ دۇنيا ساياھىتى

ئەلۋەتتە، قۇملۇقتا 
يەنە تۆگىگە مىنىپ چەكسىز بىپايان قۇملۇققا نەزەر سالسىڭىز 
قولۋاققا ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولسىڭىز بولىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەدەنىيەت-ساياھەت ساداسى

سۈرەت مەنبەسى: بايىنغولىن ئوبلاستى مەدەنىيەت-ساياھەت ساداسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.