تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئىلگىرىكى «كەپتەر كوچىسى» بۈگۈنكى كۈندە «توردا ئالقىشلانغان كوچا»غا ئايلاندى

خوتەن تۇەنچېڭ:​

ئىلگىرىكى «كەپتەر كوچىسى» بۈگۈنكى كۈندە «توردا ئالقىشلانغان كوچا»غا ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

خوتەن تۇەنچېڭنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا پىيادە ماڭغىنىڭىزدا، ئىمارەتلەر، دەرۋازىلار، دېرىزىلەر سىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. «ئايۋان» پاسونىدىكى ئىمارەتلەر قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. گۈل نۇسخىسىدىكى خىش تاملار، ياغاچ ئويمىلىق ئىشىك - دېرىزىلەر ھەمدە ھەر خىل نەقىش - بېزەكلەر كۈن نۇرىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىنچىكە ھالقىلارنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردىلا، خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭلىقلار مەززىلىك تائام ئاشخانىسىنىڭ مەسئۇلى سۈبھى ئاشخانىغا كەلدى. خىزمەتچىلەرگە بىر كۈنلۈك خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈبھى ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن - كەچكەن ساياھەتچىلەرگە قاراپ ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ، كۆز ئالدىمدىكى دۇنيا خۇددى چۈشۈمدە كۆرگەندەك گۈزەل».

سۈبھى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى، بالىلىق چاغلىرىدىكى سۈبھىنىڭ بۇ يەرگە نىسبەتەن ئەسلىمىلىرى ئانچە گۈزەل ئەمەس ئىدى.

ئىلگىرى بۇ يەر «كەپتەر كوچىسى» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ يەر گۈل، قۇش، قۇرت - قوڭغۇز، بېلىق سودىسى بازىرى ئىدى، ئۆيلىرى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» دېگەن نامى تارالغانىدى، يامغۇر ياغقان، بوران چىققان كۈنلەردە كوچىدا توك توختاپ قالاتتى، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ ئاھالىلەرنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغانىدى.

«باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مېنىڭ <كەپتەر كوچىسى>دىن كەلگەنلىكىم تىلغا ئېلىنسىلا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالاتتىم، قايتىپ كېلىپلا توختىماي يىغلايتتىم» دېدى سۈبھى.

پاكىز، چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرۇش سۈبھىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى ئىدى. 2016 - يىلى، تۇەنچېڭ كوچىسىنى بىرىنچى قارارلىق ئۆزگەرتىش باشلاندى، قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئۆيلەرنى راھەت ئولتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپلا قالماي، يەنە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۆزگەرتىپ لايىھەلىگۈچى تەرەپ ۋە سۈبھى ئائىلىسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئالاقىدار تارماقلار كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، سۈبھىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاخىر كونا ئۆينى ئاشخانىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

خوتەن شەھەرلىك تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئەخمەتجان روزى مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلىگە بىر لايىھە تۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتۇق. ئۆي ئىچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە لايىھەلەندى».

«ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت ئائىلىمىزگە ھەر كىۋادرات مېتىر ئۈچۈن 580 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، ناھايىتى چىرايلىق پىلانلىدى، سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز ئۇلاندى. ئەينى چاغدا، بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك قاچان ئۆزگەرتىپ بولالايسىلەر، دەپ سورايتتۇق، ئۆينىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈشكە بەكمۇ تەقەززا بولغانىدۇق» دېدى سۈبھى.

بىر قەۋەتلىك كېسەك ئۆي ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىناغا ئۆزگەردى، ھازىر سۈبھى ئائىلىسى تۇەنچېڭدىكى جەزمەن بارىدىغان توردا ئالقىشلانغان جايغا ئايلاندى.

ئالتە يىلدا، تۇەنچېڭ كوچىسىنى 1 -، 2 - قارارلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى شېن خاۋ مۇنداق دېدى: «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىناكارلىق ئۇسلۇبى ماڭا خوتەننى قايتىدىن تونۇتتى، بۇ جاينىڭ ھازىرقى قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئىلگىرىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. كېيىن مەن يەنە كېلىمەن».

«سودا ياخشى بولغاندا، بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىمىز 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئەگەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، بىز ھەرگىزمۇ بۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالمايتتۇق، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا پۇل تېپىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ يىل مەنمۇ بالىلىق بولدۇم، ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق بالامنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ۋە كەلگۈسىگە ئېرىشتۈرۈشكە ئىشەنچىم بار» دېدى سۈبھى.

تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تۈرلۈك بېيىش قۇرۇلۇشى. ھازىرغا قەدەر، 3000 ئائىلىلىك 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سۈبھىنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىشتىن نەپكە ئېرىشتى.

خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭ كوچىسىدىكى ئاھالە ئابلەت ئابدۇخەبەر تۇەنچېڭدىن بىر دۇكان ئىجارە ئېلىپ، خوتەننىڭ دورىلىق چېيىنى ساتتى، بۇ نەچچە يىلدا سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولدى. «بۇ يەر چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، دۇكىنىمنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئابلەت.

بۇ يىل، خوتەن شەھىرىنىڭ تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش 3 - قارارلىق قۇرۇلۇشى سىجىل داۋاملىشىدۇ، ئۆزگەرتىش كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ، 293 ئائىلىلىك ئاممىغا چېتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.