تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا جۇلالاندۇرىمىز

خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار كۈچ ئۇلاپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى:

ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا جۇلالاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىك لېكسىيە لايىھەسى بويىچە دەرس ئۆتىدۇ، يەنە ئويۇن ئوينىتىدۇ، ھېكايە سۆزلەپ بېرىدۇ، ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ».

«ئىپادىمىز ياخشى بولسا ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىدۇ، يەنە بىزگە شۆگاۋ ئېلىپ بېرىدۇ».

...

ئوقۇغۇچىلار دەۋاتقان «ئوقۇتقۇچى»لار خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار كۈچ ئۇلاپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى. بۇ يىل، خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار كۈچ ئۇلاپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى 26 ـ نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4 ـ ماي مېدالى»غا ئېرىشتى.

2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «كەنتتە تۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىش، پىدائىيلار مائارىپقا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن غەربىي قىسىم پىلانى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى باكىدۆڭ كەنتىدىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە يەسلىلەرگە ياردەم بېرىش ـ يۆلەشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، كەنتتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى بىرلا خىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ياڭ يەننىڭ يۇرتى شەنشىدە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭغا تەلپۈنەتتى، «غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار تۈرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تىزىملاتتىم» دېدى ئۇ.

2021 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، ياڭ يەن باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، 400گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى. «1 ـ سائەتلىك دەرستە، مەن بالىلارغا <چىڭمىڭ> دېگەن شېئىردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ناخشىنى ئۆگەتتىم، بالىلار بەك ياقتۇردى» دېدى ياڭ يەن.

22 ياشلىق چىن ۋېنيۈەن شىنجاڭ داشۆ ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى 5 ـ يىللىق 2 ـ سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ۋە تىل ـ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى. كۈندىلىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقا، سىنىپتىكى ئاتا ـ ئانىسى دائىم سىرتتا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىمۇ چىن ۋېنيۈەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

بىر قېتىم، چىن ۋېنيۈەن ھەربىر بالىغا ئۆيىدىن بىردىن تۇخۇم ئەكەلدۈردى ھەم بالىلاردىن بىر ھەپتە ئىچىدە تۇخۇمنى چېقىپ قويماي ياخشى ساقلاشنى تەلەپ قىلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، پۈتۈن سىنىپتىكى 27 بالىنىڭ يەتتىسىلا بۇ ئىشنى قىلالىدى. «مەن بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق، بالىلارغا ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلىدىم» دېدى چىن ۋېنيۈەن.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قارشىلىشىش پىسخىكىسى ئېغىر بولغان بىر قىسىم بالىلاردا ئاستا ـ ئاستا ئۆزگىرىش بولدى. «بىر تۇخۇمنى چېقىۋەتمەي ساقلىماق بەك تەس ئىكەن، ئاتا ـ ئانىمىزنىڭ بىزگە ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ ئاسان ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئاتا ـ ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، ئوقۇتقۇچىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن» دېدى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى 5 ـ يىللىق 2 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم.

«2017 ـ يىلىدىن بۇرۇن، مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرى كونا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئارقىدا قالغان ئىكەن.» شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى كەنتتە تۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچى، باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ گەيشيا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۈگۈنكى كۈندە، باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتۇڭخۇادا %100 پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، مەكتەپكە دەل ۋاقتىدا كېلىش نىسبىتى %98كە يەتتى، ئومۇمىي ئۆگىنىش نەتىجىسى پۈتۈن يېزىدىكى 11 باشلانغۇچ مەكتەپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 2 ـ ئورۇندىن ئۆرلەپ خوتەن ناھىيەسىدىكى كەنت دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. مەكتەپ ئىككى قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى سالدى، سېمونت تەنتەربىيە مەيدانى ياسىدى، بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يەنە يېڭىدىن كىتاب ئوقۇش سىنىپى، كومپيۇتېر سىنىپى تەسىس قىلدى.

بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، بېيجىڭ، خېنەن، شاڭخەي، شەنشى، گۇاڭشى، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن غەربىي رايون پىلانىدىكى 147 نەپەر پىدائىي باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە گۈزەل كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالىلار ئۈچۈن قەلب چىرىغىنى ياندۇردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

بېيجىڭ داشۆ ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى ليۇ جى تۇنجى تۈركۈمدە باكىدۆڭ كەنتىگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچى، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئۇ 40 ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەتنى ئوقۇتۇش قوللانمىسى قىلىپ رەتلەپ، باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە قالدۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەنىلا دائىم چىن ۋېنيۈەن بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا سىندا ئورتاقلىشىدۇ. ليۇ جى مۇنداق دېدى: «قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشلىق باھارىمنى بېغىشلاش ۋە تەر تۆكۈش مەن بۇ ئۆمرۈمدە قىلغان ئەڭ ئۆكۈنمەيدىغان بىر ئىش. مەن ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىمەن».

يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن، ياڭ يەن مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، ئۇ خوتەندە داۋاملىق قېلىشنى قارار قىلدى. «كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭى، يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا يىلتىز تارتىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشۇشنى ئويلايمەن» دېدى ئۇ.

«غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى كۈچ ئۇلاپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. مەن بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا ئاتلىنىپ، ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، مول مېۋە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ليۇ گەيشيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.