تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۈپۈرگىگە مۇجەسسەملەنگەن ئەقىل - پاراسەت

□شۈ چىڭگۇاڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى» پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى جيامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزىگە كەلگەندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن قوناق سۈپۈرگە ياساۋاتقان كۆرۈنۈشى دىققىتىنى تارتتى. بۇ كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىچىككىنە سۈپۈرگىنى ئاددىي كۆرمەڭ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاچقۇچ. كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشتا، ئالدى بىلەن كەسىپنى توغرا تاللاش كېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى زىيارەت داۋامىدا ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بورا توقۇش ئەنئەنىسى بارلىقى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا سۈپۈرگىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ زورلۇقىنى بايقاپ، سۈپۈرگە زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بىرنەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى، بۈگۈنكى كۈندە 50 نەچچە ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلاندى. كىچىككىنە سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېزا - كەنتلەردە قانداق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، پېشانىگە ئۇرۇپلا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، ئويلىنىپ ئىش قىلىش كېرەك، چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كەسىپلەر ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىپ، ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بار - يوقلۇقى ئۇنىڭ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇش - تۇرالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. سۈپۈرگە زاۋۇتى دەسلەپتە ئىشلەپچىقارغان سۈپۈرگىنىڭ ھېچقانچە ئالاھىدىلىكى يوق بولۇپ، ھەممىسى ئادەتتىكى قۇناق سۈپۈرگىلەر ئىدى. كېيىن سۈپۈرگە زاۋۇتى ئۇيغۇر مىللىتى ئاممىسىنىڭ ئوچۇق رەڭنى ياخشى كۆرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سۈپۈرگىلەرنى قىزىل رەڭدە بويىدى، نەتىجىدە بىر سۈپۈرگىنى ئىلگىرىكىدىن ئىككى يۈەن قىممەت ساتقىلى بولىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم - بوران بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇش، يەر سۈپۈرگەندە ئاسانلا زەرەت پەيدا بولۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، سۈپۈرگە زاۋۇتى تالالىق يىپتىن پايدىلىنىپ تالالىق چوڭ سۈپۈرگە ياسىدى، نەتىجىدە بازاردا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. كىچىككىنە سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ تەرەققىياتى بىزنى ئىلھاملاندۇردى، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، بازار ئېھتىياجىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپ، كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، «باشقىلاردا يوقلىرى بىزدە بار، باشقىلاردا بارلىرىنىڭ بىزدە ئەلاسى بار» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن بازاردا سىجىل ئالقىشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

كۆپ تەرەپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاندىن ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە بولىدۇ. سۈپۈرگە زاۋۇتى «كەنت دەرىجىلىك يېتەكچى كەسىپ + پارتىيە گۇرۇپپىسى + نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى قوللىنىپ، تاپقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى كەنت ئاھالىلىرىگە مائاش قىلىپ تارقىتىپ بەردى، بىر قىسمىنى تىجارەتچىلەرنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن بەردى، يەنە بىر قىسمىنى كوللېكتىپ كىرىم ئورنىدا كەنتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتتى. ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ باسقۇچتا سۈپۈرگە زاۋۇتىغا قارىتا «سۇ قويۇپ بېرىپ بېلىق بېقىش» ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، ئىجارە ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يىغىپ، سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. كىچىككىنە سۈپۈرگە زاۋۇتىنىڭ تەرەققىياتى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىك بولغان، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان، تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلغان مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇش، «ھەممىنى ئۈزۈل - كېسىل يەپ تۈگىتىۋېتىش»تىن ساقلانغاندىلا ، ئاندىن كەسىپنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلغىلى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

«كەنت ئاھالىلىرى پۇل تاپالايدىغانلىكى ئىش بولسا بىز ھەممىنى قىلىمىز، بار ئاماللار بىلەن قىلىمىز»، ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسىنىڭ بۇ سۆزى مۇخبىرنى تەسىرلەندۈردى. كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت بولىدىكەن، كەنتتىكى كەسىپلەرنى بارغانسېرى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئەقىل - پاراسەت بولىدىكەن، ئىشىنىمىزكى، چوقۇم جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.