تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتىمىزدە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كوچىسى بار

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«بىز ھازىر كۈنىگە بىر توننىغا يېقىن كۆممىقوناق ئۇنى ئىشلەپچىقارساقمۇ سېتىشقا يەتمەيدۇ، زاۋۇت يەنىلا كىچىك!» دېدى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى شاجىن ئۇن زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى تۇرسۇنمەمەت سادىر پەرىشان بولغان ھالدا. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇن زاۋۇتى يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا زاۋۇتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولماسلىق سەۋەبىدىن ھازىرقى ئورۇنغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، يېڭى زاۋۇتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 250 كىۋادرات مېتىر كېلەتتى.

«لېكىن مەن ھازىر زاۋۇتنى كېڭەيتىشكە ئالدىرىمايمەن، بەلكى مەھسۇلات سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىمەن.» تۇرسۇنمەمەت مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئىستېمالچىلار ساغلام يېمەك - ئىچمەككە ئىنتىلىدۇ، مەن ئىلىدىكى قارا بۇغداي تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن مال تەمىنلەش ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، يېڭىدىن قارا بۇغداي يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

تېخى بۇلتۇر 4 - ئايدا قۇرۇلغان بۇ ئۇن زاۋۇتى ھەر ئايدا تۇرسۇنمەمەتكە 15 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم يارىتىپ بېرىپ، بەش كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، تۇرسۇنمەمەتنىڭ كىرىمى ئۇنىڭ بەش موغا يېقىن تېرىلغۇ يېرىگە ۋە ئىشلەپ تاپقان كىرىمىگە قاراشلىق بولۇپ، ھەر يىللىق كىرىمى ئاران 40 - 50 مىڭ يۈەن ئىدى.

ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كوچىسىدا، شاجىن ئۇن زاۋۇتىغا ئوخشاش بۇنداق كارخانا پەقەت مۇشۇ بىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس.

ئۇزۇنئېرىق كەنتى كۆلىمى ئاران 1500 مو كېلىدىغان كىچىك كەنت، پۈتۈن كەنتتە 300دىن ئارتۇق ئائىلىلىك 1700دىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 0.5 مو كېلىدۇ، ئېتىزدىن ئالتۇن قازغىلى بولمىسا، كەنت ئاھالىلىرىنى قانداق قىلغاندا بېيىتقىلى بولىدۇ؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن 1 - شۇجى ئورۇزئالى قاشقاربايدىن ھازىر ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەۋاتقان 1 - شۇجى جۇ خۇڭگاڭغىچە ھەممىسى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭگۈشتەر قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقىدا، كەنتتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، تەرەققىياتىدا تەدرىجىي يېڭى مەنزىرە نامايان بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى جيامېي سۈپۈرگە ياساش مەركىزى 2018 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، مەھسۇلاتى بىرلا خىل قوناق سۈپۈرگىسىدىن بامبۇك سۈپۈرگە، ياپىلاق تالالىق سۈپۈرگە قاتارلىق ئون نەچچە خىلغا كۆپىيىپ، ھەر ئايلىق تىجارەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 51 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كەنت ئاھالىسى بۇسايىپ ياسىن زاۋۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا بۇ يەردە ئىشلىگەنىدى، ھازىر ئۇ زاۋۇتتا تايانچقا ئايلىنىپ، ئايلىق مائاشى 4000 يۈەنگە يەتتى. «خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ بازارلىرىدا بىز ياسىغان سۈپۈرگىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ياپىلاق تالالىق سۈپۈرگە بىلەن يەر سۈپۈرگەندە چاڭ - توزان كۆتۈرۈلمىگەچكە ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى» دېدى بۇسايىپ.

بۇ يىل، بۇ سۈپۈرگە ياساش مەركىزى سولياۋ سۈپۈرگە ياساش ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋالدى، يەنە سۈپۈرگىنى ساياھەت مەھسۇلاتى قىلىپ ياساپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە شېكەر قىيامى زاۋۇتى، مۇزلۇق يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى، پېچىنە - پىرەنىك پىششىقلاش زاۋۇتى، گۈرۈچ ئۇنى زاۋۇتى، چاشقان تۇتۇش تاختىسى زاۋۇتى قاتارلىق 13 كارخانا بار بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

2021 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇرۇلغان قاراقاش ناھىيەسىدىكى خۇڭۋەنجيا پانۇس ياساش چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە كەنتتىكى ئەڭ ياش كارخانا بولۇپ، ھازىرغىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق بەش خىل تىپتىكى پانۇس ياساپ، ئەتراپتىكى بازارلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، 2021 - يىلى سېتىش كىرىمىنى 600 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

مۇخبىر بۇ شىركەتتە ئون ئايالنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ پانۇس جازىسى ياساۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ پانۇسنىڭ سىرتقى قېپىنى تىكىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ پانۇسنى قۇراشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى...

بىر چوڭ پانۇسقا ئالتۇن جىيەك چاپلاش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان ئالماسايىپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ئىشلەشنى ياخشى كۆرىمەن، بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قولايلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ئىشلىسەم كۆپ كىرىم قىلالايمەن، مەن بۇ يەردە تېخنىكىغا ئەڭ پىشقانلاردىن بىرى ھېسابلىنىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.