ئاپتور: پەرھات ئابلىمىت
4-ئايدىكى سەھەردە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ يۇقىرى گۈلباغ كەنتىدىكى تۇرسۇنجان مەمەت ھەمىشە كۈل رەڭ تۇرنىنىڭ سايرىغان ئاۋازى بىلەن ئويغىناتتى. «بۇ بىرنەچچە يىلدا، يەكەن دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا قۇشلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى» دېدى تۇرسۇنجان مەمەت.
يەكەن دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى پوسكام ناھىيەسىگە جايلاشقان، سۇلۇق يەر نىسبىتى %98.8كە يېتىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇرغاق رايوندا ئاز ئۇچرايدىغان ساي قومۇشلۇق سازلىق سۇلۇق يېرى ھېسابلىنىدۇ، سۇ مەنبەسى، ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك بايلىقى مول، شۇ جاينىڭ «يېشىل سۇ ئامبىرى» ھېسابلىنىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى