تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ياشلىق باھاردىكى ئەڭ ياخشى قىياپەت

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بولسا گەر ئۆسمۈرلەردە ئۇلۇغۋار ئىرادە، كەلگۈسىدە قىلار جاسارەت بىلەن نى - نى ئىشلارنى! بۇ يىل 4 - ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قويۇپ، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ دەل قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشتىن ئىبارەت.

مەيلى ئۆتمۈشتە، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو ياشلىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچ. «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللەتنىڭ ھاياتلىقىنى كۆزلەش»تەك جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىن «ئىتتىپاقلىشىش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش»تەك ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشقىچە، ئاندىن «تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش»كىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرى دەۋر بىلەن ئىدىيەدە، يۆنىلىشتە بىردەك بولۇپ، ۋەتەن، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇردى. توختاۋسىز ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، ھەربىر دەۋر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى ۋە پۇرسىتى بولىدۇ، لېكىن بوشاشماي كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش باشتىن - ئاخىر ياشلىق باھارىدىكى ئەڭ ياخشى قىياپەت.

ياشلىق باھارى دېگەن نېمە؟ ياشلىق باھارى 27 ياشلىق لى داجاۋنىڭ «ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان ئائىلە، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان دۆلەت، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەت، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان ئىنسانىيەتنى بەرپا قىلىش...»نى يازغاندىكى غەيرەت - شىجائىتى، 22 ياشلىق لېي فېڭنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ھاياتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، 18 ياشلىق چېن شياڭرۇڭنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان چاغدىكى ساپ مۇھەببىتى؛ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە نەزەر سالساق، ياشلىق باھارى تېخىمۇ كۆپ «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار»نىڭ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىدا جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشتىكى مەردانىلىكىدۇر... بوران - چاپقۇنلۇق، زۇلمەتكە تولغان كونا جۇڭگودىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگىچە، غايىلىك، ئېتىقادلىق، مەسئۇلىيەتچان جۇڭگو ياشلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشتىن - ئاخىر ياشلىق باھارىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسى بىلەن زىچ باغلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق ناخشىسىنى بىر - بىرلەپ پۈتۈپ چىقتى.

زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ماڭىدىغان، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلاد، ئۇلار گۈللەنگەن دەۋرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى كەڭ ياشلارنى تېخىمۇ ئەۋزەل تەرەققىيات مۇھىتى، تېخىمۇ كەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. ياشلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان، نى - نى ئىشلارنى قىلىدىغان بۇ ئۇلۇغ دەۋردە، ياشلار كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتىدە، ھەرگىزمۇ يېتىپ تۇرۇپ مۇرەسسە قىلىدىغان «پەرۋاسىز ياشلار»دىن بولماي، بەلكى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، غەيرىتى تولۇپ تاشقان «ئوت يۈرەك ياشلار»دىن بولۇپ، ئوت - چۆپلەر ياشىرىپ تۇرىدىغان، قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان ۋە تومۇزدا تومۇزغىلار سايراپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرە يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنى باي - قۇدرەتلىك قىلىش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

«كەڭ ياشلارنىڭ ۋەتەن زېمىنىنى قەدىمى ئارقىلىق ئۆلچەپ، جۇڭگو روھىنى كۆزى بىلەن بايقاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلىقى بىلەن زەن سېلىپ، دەۋرنىڭ تومۇرىنى قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ، ۋەتەنگە بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇھەببىتى، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش ھېسسىياتىنى ئۆگىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىنى، كەسىپكە بولغان ئىنتىلىشكە يۇغۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ زامانىمىز ياشلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش يولى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، بۇ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ياشنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىشىغا تولىمۇ موھتاج. يېڭى مۇساپىدە، ياشلار «دۇنياغا بىمالال نەزەر سالالايدىغان بولۇش» ئىشەنچى ۋە قابىلىيىتى بىلەن جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، جاسارىتى، غەيرىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شەخسنىڭ غايىسى، ئىنتىلىشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ياشلىق مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

ھەربىر ياشنىڭ قەلبىدە ئارزۇ، كۆزىدە نۇر بولسىلا، گۈزەل ياشلىق باھارى ئوتى لاۋۇلداپ يانىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى چوقۇم پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارىدىكى مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.