تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتۇش دەۋرنى نۇرلاندۇرۇش

[ئىستون سۆزى]

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ئۆتكەن 100 يىلنى ئەسلىسەك، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار پارتىيە بايرىقى ئاستىغا جەم بولۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياشلىق ناخشىلىرىنى پۈتتى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرماقتا» سەھىپىسىنى ئېچىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، كەڭ ياشلارنى ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، شەخسنىڭ غايە ئىنتىلىشىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ياشلىق مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گۇەن مېڭيىڭ

«80 - يىللاردا تۇغۇلغان» جېڭ ياشېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ماھىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئالتە تۈرلۈك پاتېنتىغا ئېرىشتى؛ تەبىئەتنى قوغداش خىزمەتچىسى چۇ ۋېنۋېن يەرشارىۋى يىغىندا جۇڭگو ياشلىرىنىڭ تەبىئەتنى قوغداش پوزىتسىيەسىنى سالماقلىق بىلەن نامايان قىلدى؛ شىنجاڭدا قالغان غەربىي قىسىمدىكى پىدائىي سۈن مېڭلىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈشكە ئىرادە باغلىدى...

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ئالدىراشلىق ئىلكىدىكى بۇ ياش سىيمالار قەتئىي تاللاش، كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ قالتىس سالاپىتىنى نامايان قىلدى. ھەربىر ياشنىڭ ھەممىسى كىچىك نۇر، ئۇلار يىغىلىپ مەشئەل ھاسىل قىلىپ، دەۋرنى نۇرلاندۇردى.

جاسارەت ۋە غايىگە تولغان جۇشقۇن ياشلىق

«بايرام مەزگىلىدە، يولۇچىلار ئارىسىدا ياشانغانلار بىلەن بالىلار كۆپەيدى، چوقۇم ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، ھالىدىن نۇقتىلىق خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك...» «1 - ماي»لىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسى شەھەرلەر ئارا پويىز ئەترىتى 3 - گۇرۇپپىسىنىڭ پويىز باشلىقى رېن نەننەن ئەتىگەندىلا خىزمەتداشلىرىغا شۇنداق دەپ تاپىلىدى.

32 ياشلىق رېن نەننەننىڭ تۆمۈريولدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 14 يىل بولاي دېدى، 2017 - يىلى، ئۇ تىرىشىپ رىقابەتلىشىش ئارقىلىق پويىز باشلىقلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، ئۇنىڭ خىزمەتكە بولغان غەيرىتى تولۇپ تاشقان بولۇپ، خۇددى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان «كىچىك قۇياش»قا ئوخشايدۇ. «خىزمىتىم ئاددىي، ئۇششاق - چۈششەك ھالقىلىرى كۆپ، بىراق مەن ئاددىي، خىزمەت ئورنۇمدا ئاددىي بولمىغان نەتىجە يارىتىپ، ئۆز قىممىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى رېن نەننەن.

ياشلىق كۈرەش قىلىش ئۈچۈندۇر. يېڭى دەۋردىكى ياشلار ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى تېخىمۇ پۇختا ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆز قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە، بوران - چاپقۇنلۇق يامغۇر ساقچى فورمىسىغا ئۇرۇلۇپ، «تاراس - تاراس» ئاۋاز چىقىراتتى، يامغۇر شېغىل يولنىمۇ تېيىلغاق قىلىۋەتكەنىدى. ئالاتاۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» چوڭ ئەترەت باشلىقى سى جېن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتى.

جىڭ - ئالاتاۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، پورتقا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللار كۈنسېرى كۆپەيدى، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سى جېن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى خىزمەت ئورنىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، پورتقا كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«دۆلەت دەرۋازىسىغا ئەڭ يېقىن جايدا قاتناش ساقچىسى بولۇش شەرەپ ھەم مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى دۆلەت دەرۋازىسى، شەپكىمىزدىكى ساقچى بەلگىسى بىزدىن خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىزنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ» دېدى سى جېن.

«ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇڭلار.» 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى نارات بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باغىنا تايىر ئوقۇش قوراللىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئۆزى ياردەم بېرىپ يۆلەۋاتقان ئالتە ياش - ئۆسمۈرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، بايراملىق غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك باسقۇچى كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى» بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق. باغىنا مۇنداق دېدى: مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە توغرا بولغان دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىمەن.

چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، كىشىلىك ھايات يولىنى داۋاملاشتۇرۇش

ياشلىق باھار چەكسىز مۇمكىنچىلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ياشلارنىڭ لۇغىتىدە مۇمكىن بولمايدۇ، دەيدىغان سۆز يوق.

ياڭ فەن جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى قۇملۇق مېتېئورولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇ قۇملۇقتا كاربون يىغىش تەتقىقات خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق دالىدا كۆزىتىپ ئۆلچەش تەجرىبىسىگە تەييارلىق قىلدى.

تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ نۇرسىز سىنتېزلاش رولى ئارقىلىق كاربون ?ئوكسىدىنى سۈمۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ بايقاش غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلاردا كاربون قويۇپ بېرىش بوشلۇقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كېڭەيتىپ ھەم كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساسىي سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ياڭ فەن مۇنداق دېدى: «قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆزىتىپ ئۆلچەش تەجرىبىسىنى داۋاملاشتۇرىمەن، ياشلار كۈرەش قىلىش جەريانىدا دەۋرگە مۇناسىپ شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتۈشى كېرەك».

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، تېخىمۇ كۆپ ياش خۇددى ياڭ فەنگە ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، كىشىلىك ھايات يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلمەكتە.

يېقىندا شىنجاڭدا قالغان غەربىي قىسىم پىدائىيسى سۈن مېڭلىڭ جېجياڭنىڭ ۋېنجوۋ، تەيجوۋ قاتارلىق جايلىرىدا كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، مەكىت ناھىيەسى ئۈچۈن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلدى.

2011 - يىلى، سۈن مېڭلىڭ غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىدە شەندۇڭدىن شىنجاڭغا كەلدى، مۇلازىمەت مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ مەكىت ناھىيەسىدە مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

«مەن خۇددى توغراققا ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىم ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرىمەن.» سۈن مېڭلىڭ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم كارخانىلارنى مەكىتكە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا كۆپرەك جەلپ قىلىشىمىز كېرەك.

35 ياشلىق مەمتىمىن سەمەر ھەر كۈنى كالا قوتىنىغا بېرىپ، نورمىلىق يەم بېرىش، قەرەللىك تازىلاش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باقمىچىلىق كالا قوتىنىنى تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەمتىمىن يۇرتداشلارنى باشلاپ پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن كالا باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. مۇشۇ يىللاردا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆلەمنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى نەچچە يۈز ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياشلار ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك. مەن ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن».

باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش

ئەتىيازدىكى ئالدىراش مەزگىلدە، ساۋەن شەھىرىنىڭ يەنسىخەي بازىرىدىكى لازا ئېتىزىدا «يەرلىك مۇتەخەسسىس» جېڭ ياشېڭ ھەر كۈنى سەھەر سائەت سەككىزدىلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. «بىز توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، كىچىك ياپراقچىلىرىنى كۆپەيتىپ، بۇلۇڭ گىرادۇسىنى تەڭشەپ، توپا يۆلەش مىقدارىنى تېخىمۇ تەكشى قىلىپ، يۇمران مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى ئۇ.

ساۋەن شەھىرىدە دۆلەتنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئالتە تۈرلۈك يېڭى تىپ پاتېنتىغا ئېرىشكەن جېڭ ياشېڭنىڭ خېلىلا نامى بار، كەنت ئاھالىلىرى ئۇ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ لازا تېرىغاندا ۋاقىتنى، ئىشنى، تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەردار.

ياشلار ياشلىقىغا يۈز كېلەلىدى، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلىدى. نۇرغۇنلىغان ياش ياشلىق مۇسابىقە يولىدا قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن جەسۇرانە چېپىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلمەكتە.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يۆ لۇ ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى خىزمەتداشلىرى چوڭ تىپتىكى ئەسلىي ئىجادىيەتلىك ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»نى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. جاڭ چيەننىڭ ئانىسىنىڭ ئوبرازىنى جانلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۇ رېپېتىتسىيە ئارىلىقىدا تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇپ، پېرسوناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەش ئۈستىدە قايتا - قايتا ئىزدەندى.

«ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقان بىز ھازىرقى ۋاقتىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئۇسسۇل سەنئىتى نادىر ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك» دېدى يۆ لۇ.

ياشلىق باھار ئۇرغۇغان 5 - ئايدا، ئالتاي تېغى ئېتىكىدە سۆگەتلەر بىخ سۈردى. 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەبىئەتنى قوغداش خىزمەتچىسى چۇ ۋېنۋېن ماشىنىنى ھەيدەپ كۆچەت ئازگىلى كولىغاچ، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ كۆچەت تىكىۋاتقان ئەزالىرىدىن «ئازگالنىڭ كەڭلىكى مۇۋاپىق بوپتىمۇ؟» دەپ سورىدى.

چۇ ۋېنۋېن بىلەن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بىرلىكتە يولغا قويغان «قۇندۇز ئاشخانىسى» قاتارلىق مېڭشىن قۇندۇزىنى قوغداش يۈرۈشلۈك پاراۋانلىق تۈرىگە قاتناشقان تور ئەھلى 1 مىليوندىن ئاشتى. تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلۇنگۇر دەرياسى بويىدا مېڭشىن قۇندۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك ھايۋانات تۈرى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئېكولوگىيە زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇش ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

چۇ ۋېنۋېن مۇنداق دېدى: «مەن تىرىشچانلىق ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشنى تەبىئەتنى قوغداش ئۈچۈن نۇر ۋە ھارارەت تارقىتىشقا يېتەكلەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.