تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 ـ تۈركۈمدىن 32 ـ تۈركۈمگىچە بولغان ئەرزىيەتنىڭ 1271 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 ـ تۈركۈمدىن 32 ـ تۈركۈمگىچە بولغان 1738 پارچە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەتنىڭ 1271 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان، 467 پارچىسى باسقۇچلۇق بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان، بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %73 بولغان.

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باشتىن ـ ئاخىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇل، پەن ـ تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش ئاساسىدا قۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئاساسنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1738 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە، 380 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 120 ئورۇن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، تۆت پارچە ئەرزىيەت دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، بىر كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، 48 كىشى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن، 23 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.