تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارزۇ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

كۆلەڭگىسىز چىراغ ئاستىدا، دوختۇرلار ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ھاياتلىق مۆجىزىسىنى يارىتىدۇ؛ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر چوڭ ـ كىچىك كوچىلاردا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ؛ قىش كېتىپ باھار كەلگۈچە ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى يولۇچىلارنى ۋاقتىدا مەنزىلگە يەتكۈزىدۇ؛ يىل بويى، پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدۇ...

ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى سەككىز يىل ئىلگىرىكىگە قايتۇرايلى، 2014 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دېگەن دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، ئەمگەككە ئۆزىنى بېغىشلاش، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

«ئەمگەك بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇقەررەر يولى.» سەككىز يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەر باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئەمگەكنى قەدىرلەپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

غەمخورلۇق ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرخانا باشلىقى جۇاڭ شىخۇا ئەينى يىلى باش شۇجىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا يېرىم سائەت بالدۇر ئىشقا چىقىپ، كېسەلخانىلارنى تەكشۈردى، ئوپېراتسىيەگە قاتناشتى... بۇ ئۇنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن ئادىتى ئىدى.

جۇاڭ شىخۇانىڭ ئەسلىشىچە، شۇ كۈنى سۆھبەت يىغىنىغا بىللە قاتناشقانلاردىن يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن مۇنەۋۋەر ياش رەيھانگۈل ئىمىر، ئۇسسۇلچى دىلنار ئابلا، پىروفېسسور ھوشۇر ئىسلام، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى جاۋ يەنچاڭ... بار ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ھوشۇر ئىسلام ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، چېگرانى قىزغىن سۆيۈش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، چېگراغا ئۆزىنى بېغىشلاش تەسىراتىنى كەڭ ـ كۇشادە سۆزلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئىلغار شەخسلەر دۆلىتىمىزدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ پەخرى. سىلەر كۆپچىلىك كۈچلۈك باش پېرسوناژلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىڭلارغا قويۇپ، بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئۇلۇغ دەۋر روھى، ئىگىلىك تىكلەش روھى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، دۆلەت ۋە مىللەتكە شان ـ شەرەپ كەلتۈردۈڭلار.

«ھاياجانلانغاندىن سىرت يەنە سەل جىددىيلەشتىم ۋە روھلاندىم، يۈرەك سوقۇشىمنى ئاڭلىيالايتتىم.» ئەينى چاغدىكى ئەھۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىجارەت 1 ـ بۆلۈمى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ يەنچاڭنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، ھەر قېتىم باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەسلىگىنىمدە، ئىش قىلىش غەيرىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن ئۇ يەنىلا بىرىنچى سەپتە ئالدىراش بولۇپ، 30 لىنىيەدىكى 480دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يۈرۈشى ـ تىجارىتى ۋە ئاسرىشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل. ئۇ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نەچچە ئون شاگىرتنىڭ ھەممىسى ئاممىۋى قاتناش سېپىدىكى تايانچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

«ئۇستامنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە مېنىڭ تېخنىكام، ساپايىم ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. مۇشۇ يىللاردا مەن ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ شوپۇرلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندىم، يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندىم، <ئەمگەك بارلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇقەررەر يولى> دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تېخىمۇ چۈشەندىم» دېدى جاۋ يەنچاڭنىڭ شاگىرتى ھەسەنجان قادىر.

ئەمگەك روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇردى

«كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەمگەك روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلق بىلەن بولغان مېھىر ـ مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئىش ئورنىدا تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى، ئەستايىدىل ئەمگەك قىلىشى كېرەك.» باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى كۆپچىلىكنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

«شىنجاڭدا بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇر ئايال ئۆيدىن چىقىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى قابىللارغا ئايلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەسىپكە ۋە بەختلىك ئائىلىگە ئىگە بولدى.» 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئومان سۇلتانلىقى مەخسۇس مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچى ۋە مەسقاتتا تەڭ قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلىنىش ھالقىسىدا، رەيھانگۈل ئىمىر ئۆزىنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، يېزىلىق قىزدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يېزا ـ بازار كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقىدەك كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى ئورتاقلاشتى.

رەيھانگۈل ئىمىرنىڭ ئېنىق ئېسىدە، سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى كۆپچىلىككە بايراملىق تىلەك تىلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى، «بىز چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇق، باش شۇجىنىڭ سۆزىنى يۈرىكىمىزدە چىڭ ساقلايمىز» دېدى رەيھانگۈل ئىمىر.

رەيھانگۈل ئىمىر ھازىر قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى. ئۇ: مەن يۇرتۇمدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن، مەن دائىم كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئاچىمەن، دېدى. ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق يۇرتىدىكى نۇرغۇن ئاچا ـ سىڭىلنى ئەمگىكىگە تايىنىپ، بىلىمگە تايىنىپ كىشىلىك ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانا بۆلۈمى بىناسىغا كىرگەندە، 10 مىڭدىن ئارتۇق لەۋھە بىلەن لىق تولغان «قىزىل تام» كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە قاتارلىق ھەر خىل يېزىقتىكى بۇ لەۋھەلەر ئاغرىقلارنىڭ جۇاڭ شىخۇا ھەم ئۇنىڭ داۋالاش كوللېكتىپىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

يېشى 60تىن ئاشقان بولسىمۇ، جۇاڭ شىخۇا يەنىلا ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىكى باش ئوپېراتسىيەچى ئىدى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن كوللېكتىپنى باشلاپ ئۆت كېسەللىكى قاتارلىق تەخمىنەن 140 مىڭ ئاغرىقنى مىكرو زەخىملىك داۋالاش ئوپېراتسىيەسى قىلدى، يەتتە تۈرلۈك داۋالاش نەتىجىسى دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، 300دىن ئارتۇق تېخنىكا تايانچىسىنى يېتىشتۈردى. «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمگەك روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولىمەن» دېدى جۇاڭ شىخۇا.

ھەرقايسى سەپلەردە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنۈپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، بىلىمنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەش فاڭجېنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئېلدوس مۇرات تونۇشتۇرۇپ. سەككىز يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بارلىققا كەلدى، ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە، تىرىشىپ ئىشلەش، ئىجتىھاتلىق ئادەم بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سەمىمىي ئۈمىدنى يەردە قويماسلىق. سەككىز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ياشىنىپ قالغان ۋېي دېيوۋ يەنىلا ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ساقلاپ، ئۆزىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان «تىرىك چېگرا تېشى»غا ئايلاندۇردى؛ قېتىرقىنىپ تېخنىكا يېڭىلىغان تەن ۋېنبو يەنىلا چۆل ـ باياۋاندا چىڭ تۇرۇپ، 20 نەچچە يىلدا بىرىنچى سەپتىكى ئىشلەپچىقىرىشتا كۆرۈلگەن نۇرغۇن گۇمانلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ جۇماتاي ئوۋبەكىر يەنىلا دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان بوزادىر چارۋىچىلىق رايونىدا چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىماقتا ... بۇ تەسىرلىك ئىش ئىزلار مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنى پەيتنى قولدىن بەرمەي جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىمەكتە.

4 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، 2022 ـ يىللىق «1 ـ ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك «1 ـ ماي» ئەمگەك مۇكاپاتى ۋە مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى، شىنجاڭدىن ئادكېن مۇكا، چاڭ ياجەي، ۋاڭ رېن، گۇڭ شىنشۇ، دۈيشەن چوكەش قاتارلىق 20 نەپەر مەملىكەتلىك «1 ـ ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى تەقدىرلەندى.

ئۇلار ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، تېز يەتكۈزۈش خادىمى، دوختۇر، ئىنژېنېر... ئوخشاش بولمىغان سەپتىن كەلگەن بۇ ئەمگەكچىلەر ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، يۇلتۇزدەك چاقنىدى. ئېلدوس مۇرات مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا ھازىر مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچىدىن 431 كىشى بار. بۇنىڭدىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى بۇرۇنقىدەكلا زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپتىكى مۇنەۋۋەر ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ بەس ـ بەستە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك شەرەپلىك، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.