تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 - تۈركۈمدىن 30 - تۈركۈمگىچە بولغان ئەرزىيەتنىڭ 1054 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 - تۈركۈمدىن 30 - تۈركۈمگىچە بولغان 1603 پارچە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەتنىڭ 1054 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان، 549 پارچىسى باسقۇچلۇق بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان.

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىيىنىغا تېگىش قىلماسلىق، تۈزىتىش ھەقىقىي بولماسلىق، ئۈزۈل - كېسىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق پاش قىلىش، قايتا - قايتا پاش قىلىش، يەرلىك دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىغان پاش قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ئۆتكەلنى قاتتىق تۇتۇپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تۈزىتىشتە «تۆتنى قويۇۋەتمەسلىك» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1603 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە، 364 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 108 ئورۇن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، تۆت پارچە ئەرزىيەت دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 29 كىشى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن، 20 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.