تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە پورت، شىنجاڭغا كىرىدىغان يول قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا قايتا سەپەرۋەر قىلىش، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىسمەن دائىرىدىكى يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈشى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر مەملىكەت، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك» دېگەن تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىدا يۈزبەرگەن قىسمەن دائىرىلىك يۇقۇمغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھەم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ھەم ئىرادىنى ساقلاپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى تېزدىن ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش رايونى، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش رايونى، ئالدىنى ئېلىش رايونىنى دەل جايىدا ئايرىپ، يۇقۇمنى قىسمەن دائىرە ئىچىدە تىزگىنلەش كېرەك. تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلاردا 48 سائەت ئىچىدىكى خېسۇەن تەكشۈرۈشى مەنپىي بولغانلىق ئىسپاتى، ساغلاملىق كودى ۋە يۈرۈش كودىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ ئاساسىي سانىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىگىلەپ، قاتتىق تۈرگە ئايرىش، تەرتىپلىك يۆتكىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پورت ئۆتكىلى»نى ياخشى ئىگىلەشنى بوشاشتۇرماي، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش، پۇختىلاش كېرەك. ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ھۆكۈمىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئېلىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ليۇ سۇشې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.