ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 - تۈركۈمدىن 28 - تۈركۈمگىچە بولغان 1473 پارچە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەتنىڭ 960 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان، 513 پارچىسى باسقۇچلۇق بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان.
مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار دىققەتنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق بېجىرىشكە تاپشۇرغان مەسىلىلەرگە ۋە ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەپ، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەپ، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى پۇختا، ياخشى ھەل قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1473 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە، 339 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 102 ئورۇن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، تۆت پارچە ئەرزىيەت دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 29 كىشى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن، 20 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.