ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 ـ تۈركۈمدىن 26 ـ تۈركۈمگىچە بولغان 1343 پارچە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەتنىڭ 872 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان، 471 پارچىسى باسقۇچلۇق بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان.
مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىشنى ھەل قىلىپ ئاممىنى رازى قىلىش»نى خىزمەت يادروسى قىلىپ، ئەرزىيەتتە مەلۇم قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش تۈردىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1343 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە، 303 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 96 ئورۇن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، ئۈچ پارچە ئەرزىيەت دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 27 كىشى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن، 20 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.