تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 - تۈركۈمدىن 25 - تۈركۈمگىچە بولغان ئەرزىيەتنىڭ 828 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1 - تۈركۈمدىن 25 - تۈركۈمگىچە بولغان 1274 پارچە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەرزىيەتنىڭ 828 پارچىسى بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان، 446 پارچىسى باسقۇچلۇق بېجىرىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان.

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 - نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكتى، چىڭ تۇتتى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك نازارەت قىلىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا رەتلەپ، قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ھەربىر تۈرلۈك تۈزىتىش خىزمىتىدە كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش نەتىجىسىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك نازارەت قىلىشتا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئامما ئىنكاس قىلغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىلىلەر ۋە بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1274 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە، 285 ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان، 90 ئورۇن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان، ئۈچ پارچە ئەرزىيەت دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 23 كىشى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن، 19 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.