تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر - يېزىلار تېخىمۇ تىنچ - ئامان بولدى، ئامما تېخىمۇ شاد - خۇراملىققا چۆمدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك.

سەككىز يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايون ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەندى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. شەھەر - يېزىلار تېخىمۇ تىنچ - ئامان بولدى، ئامما تېخىمۇ شاد - خۇراملىققا چۆمدى.

جەمئىيەت ھەم ھاياتىي كۈچكە تولدى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولدى

كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، كەسىپلەر تەرەققىي قىلدى، بېيىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى... كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسا، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىمجان ئەسقەر ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەيدۇ. «ئائىلىمىزدە نۇرغۇن قوي - كالا ۋە كەپتەر باقتۇق. ئۆيگە كەچ قايتسام، خوتۇنۇم دەرۋازىنى ئېچىپ قويۇپ مېنى ساقلاشقا ئادەتلەنگەن، كەنتنىڭ ئامانلىقى ياخشى، بىر نەرسە يىتىپ كەتمەيدۇ» دېدى ئۇ.

باش شۇجى ئاياغمەنگەن كەنتىدە كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغاندا مۇنداق ئۈمىد قىلدى: مەن پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە سىلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئاياغمەنگەن كەنتى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەنتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا قەدەمنى مەزمۇت باستى، بۇ كەنتكە 2020 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئاپتونوم رايون بويىچە دېموكراتىك قانۇنچىللىقتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى (مەھەللىسى)» دەپ نام بېرىلدى، 2021 - يىلى 8 - تۈركۈمدىكى «مەملىكەت بويىچە دېموكراتىك قانۇنچىللىقتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى (مەھەللىسى)» دەپ نام بېرىلدى.

نەتىجىنىڭ ئارقىسىدا بۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ كەنت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى، دېموكراتىيە ئېڭىنىڭ كۈچەيگەنلىكى بار. كۆپچىلىك قانۇن - ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنى ئاڭلىق قوغداپ، «دېلو سادىر بولماسلىق، تەرتىپ ياخشى بولۇش، ئامما رازى بولۇش» ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

«سەككىز يىلدىن بۇيان، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق، تەۋەلىك رايوندا جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە ئامانلىق دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا تىنچ - ئامان، ئىناق بولۇش ئىشقا ئاشتى» دېدى قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى تاۋ يۇڭشېڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، ساقچىخانا تەۋەلىك رايونىدىكى بالىلار ئاياغ كىيىمى، باش كىيىمى توپ سېتىش بازىرى قىزىپ كەتتى، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئالتە ئورۇن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، تىنچ - ئامان مۇھىت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى، يېتەكلىشىدە. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى دوۋ جاۋخۇي.

ئۆي - زېمىن خوجىلىقىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىشى تەسمۇ، ھەق ئېلىشى تەسمۇ؟ بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچا باشقارمىسى چاڭچېڭ ئولتۇراق رايونىدا بۇ مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئولتۇراق رايون «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ «قىزىل ئۆي - زېمىن خوجىلىقى»نى بەرپا قىلىپ، ئۆي - زېمىن خوجىلىق ھەققىنى يىغىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى. ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆي - زېمىن خوجىلىق مۇلازىمىتى ئاھالىلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئورتاق پىلانلايدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئورتاق باھالايدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئولتۇراق رايون ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. بۇلتۇر، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپات − «ئەبەدىي ئەمىنلىك لوڭقىسى»غا ئېرىشتى.

2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى %99.14كە يېتىپ، يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولدى، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى

يېقىندا، مۇخبىر قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك تۈگىتىش، مۇرەسسە قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە بىر ماجىرانى مۇرەسسە قىلىشنى زىيارەت قىلدى. ۋەقە ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ ئەمەس − ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئادەم ئولتۇرمايدىغان تۇرالغۇدىن سۇ ئېقىپ، ئاستىنقى قەۋەتكە سۇ ئۆتۈپ كېتىپ، زىيان پەيدا قىلغانىدى.

قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگەن ماجىرانى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سوتچى، ئادۋوكات، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى، ئېچىش سودىگىرى ۋە خەلق مۇرەسسەچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇرەسسەگە قاتناشتى، بۇ جەرياندا بىر قېتىم ئالاقىدار تەرەپ شۇ جايدا بولمىغاچقا، يىراق مۇساپىلىك مۇرەسسە قىلىش قوللىنىلدى. «چوقۇم ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، قانۇنلۇق، مۇۋاپىق رامكا ئىچىدە ئالاقىدار تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك» دېدى بۇ مەركەزنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋاڭ پېڭ.

باش شۇجى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانىدۇر.

ئاممىنىڭ ھەرقانچە كىچىك ئىشى بولسىمۇ، ھەممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئامما نېمىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلسە، شۇنى ھەل قىلىدۇ؛ ئامما نېمىنى ئەڭ ئارزۇ قىلسا، شۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدۇ. كەڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش باشتىن - ئاخىر ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى بولدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، سوتچىلار ئاممىغا بارغانسېرى تونۇش بولۇپ كەتتى. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، غەيرىي دەۋا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىر كەنت(مەھەللە)تە بىر سوتچى بولۇش خىزمەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى، سوتچىلار جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇردى.

سوتچىلار ئائىلىلەرگە كىرىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ «قانۇننى چۈشەندۈرىدۇ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قانۇندىن مەسلىھەت سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، زىددىيەتلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىدۇ، ئەدلىيەلىك تەكلىپ بېرىدۇ قاتارلىقلار.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ليۇ جەنكۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەر 608 سوتچى خىزمەت ئىشخانىسى(سوتچى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى) قۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇردى.

ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ X ۋىيشىن سۇپىسىدا توك پۇلى تاپشۇرغان، لېكىن كارتىنى ئىشلەتكەندە ئۇچۇرى كۆرۈنمىگەن، ئۇ ئالتاي شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ئىش بېجىرىش زالىنىڭ «بېجىرەلمىگەن ئىشلار»نى ئىنكاس قىلىش كۆزنىكىگە كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئالتاي شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مەسىلىنى ھەل قىلغان.

2021 - يىلى 5 - ئايدا، ئالتاي شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى «بېجىرەلمىگەن ئىشلار»نى ئىنكاس قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلدى، ئامما كارخانا بىلەن تور ۋە تور سىرتىدا تەرتىپ جەھەتتە جىپسىلىشىش كەمچىل بولۇش، تارماقلار ئارا ئالاقىلىشىش كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ھەممىسىنى ئىنكاس قىلسا بولىدىغان بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەتكە تېز، قولايلىق ئېرىشەلەيدۇ.

«جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پائال ئىزدەندى، ئۈرۈمچى، قاراماي، ئاقسۇ، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل، قەشقەر قاتارلىق جايلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر رايونىدىكى ياخشى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنىڭ يەرلىك ئۆلچەمدىن دۆلەت ئۆلچىمىگە قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى دوۋ جاۋخۇي.

ھەربىر جەمئىيەت ھۈجەيرىسىنىڭ ھەممىسى ساغلام جانلاندى

قورغاس شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاقىل ساقچى ئىشلىرى سۇپىسىنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئارىلىقىنى قىسقارتتى، يەنە تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ تىنچ - ئامانلىق بويىچە ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى، «توردا پۇشتەك چالىدىغان، تور سىرتىدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان» مەھەللە تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش يېڭى ئەندىزىسى بۇ يەردە بەرپا قىلىندى.

ساقچى كۈچلىرىنى ئاقىل ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاقىل چارلاپ ئالدىنى ئېلىش، ئاقىل قوماندانلىق قىلىش، ئاقىل خەۋپسىزلىك مۇداپىئەسى... ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ئۇسۇل، ۋاسىتە ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئاقىل ساقچى ئىشلىرى ئارقىلىق تىنچ - ئامانلىققا كۈچ قوشتى، تىنچ - ئامانلىق، ئىناقلىقنى قوغدايدىغان كۈچلۈك ئارقا تىرەك كەڭ خەلق ئاممىسى ئىدى.

قاغىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بەشئېرىق ساقچىخانىسى بىر «ئانار ئانا» مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئەترەت ئەزالىرى پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ياش پىدائىيلار، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، يول ئاسراش - يول قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تىنچ - ئامانلىق توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى پائال جارى قىلدۇردى.

يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش كۈچلىرىنى كۈچەيتىپ، شەھەر رايونىدا ماسلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىنچ - ئامانلىقنى ئورتاق قۇرىدىغان، ئىناقلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

«ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى ھەرقانداق بىر نۇقتا ئاممىنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى دوۋ جاۋخۇي.

ئاممىنىڭ يېزا قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە قاتنىشىشى قانۇنچىللىق روھىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە كىرگۈزدى. فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازىرىدىكى 22 كەنتنىڭ ھەممىسىدە يېزا قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىنى چەكلىدى، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇردى، ئۆز - ئۆزىنى يۈكسەلدۈردى. يېزا قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى تۈزۈش جەريانى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىش - سەپەرۋەر قىلىش، خەلق رايى بويىچە پىكىر ئېلىش، دەسلەپكى لايىھەنى تۈزۈش، تەكشۈرۈشكە سۇنۇش، قاراپ چىقىپ ئاۋازغا قويۇش، تىزىمغا ئېلىپ ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى.

بۇ يىل 4 - ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 19 - قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى». ھەرقايسى جايلار كەڭ دائىرىدە پائالىيەت قانات يايدۇرۇپ، «ئاممىباب» «ئاممىغا يېقىن بولغان» ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقاتى ئارقىلىق، قانۇن بىلىملىرى ۋە قانۇنچىللىق روھىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا كىرگۈزدى، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

«7 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، «8 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى بىلەن قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدىشى» دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى، بۇ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى يەنىمۇ كۈچىيىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.