تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 32 ـ تۈركۈمدىكى ئەرزىيەتلەرنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى سائەت نۆلدە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا 32 ـ تۈركۈمدىكى 66 پارچە (تېلېفون ئارقىلىق ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە 57 پارچە، خەت ـ چەك ئارقىلىق ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە توققۇز پارچە) ئەرزىيەتنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى 58 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى سەككىز پارچە.

32 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايونغا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەتلەر 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىشلىق بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 33 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئالتە پارچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى بەش پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى تۆت پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى ئىككى پارچە، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسىسىغا بىردەك ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى بىر پارچە. بۇلغىنىش تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 58 پارچە ئەرزىيەت ئىچىدە ئاتموسفېرا، باشقا بۇلغىنىش، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغانلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %27.6ى، %22.4ى، %15.5ىنى ئىگىلەيدۇ.

ھازىرغىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا 32 تۈركۈمدە جەمئىي 2064 پارچە ئەرزىيەتنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى 1738 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى 326 پارچە.

ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان 1738 پارچە ئەرزىيەتنىڭ ھەممىسى تەرتىپ بويىچە بىردەك ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 808 پارچە، سانجى ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 180 پارچە، ئىلى ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 151 پارچە، بايىنغولىن ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 124 پارچە، قومۇل شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 113 پارچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 71 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 53 پارچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 47 پارچە، ئالتاي ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 44 پارچە، تۇرپان شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 40 پارچە، بورتالا ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 39 پارچە، قاراماي شەھىرىگە تاپشۇرۇلغىنى 23 پارچە، خوتەن ۋىلايىتىگە تاپشۇرۇلغىنى 18 پارچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىغا تاپشۇرۇلغىنى 15 پارچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 12 پارچە. بۇلغىنىش تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 512 پارچە، سۇغا چېتىلىدىغىنى 197 پارچە، تۇپراققا چېتىلىدىغىنى 258 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 345 پارچە، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 194 پارچە، رادىياتسىيەگە چېتىلىدىغىنى ئىككى پارچە، باشقا بۇلغىنىشقا چېتىلىدىغىنى 230 پارچە بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %29.5ى، %11.3ى، %14.8ى، %19.9ى، %11.2ى، %0.1ى، %13.2ىنى ئىگىلىگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىشتىكى ئەرزىيەت ـ پاش قىلىش نۆۋەتچىلىك تېلېفونى 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى سائەت 22دە توختىغان بولۇپ، ئامما تېلېفون ئارقىلىق ئىنكاس قىلغان ئەرزىيەت ـ پاش قىلىش مەسىلىلىرىدىن جەمئىي 1597 پارچىسى تاپشۇرۇۋېلىنغان؛ خەت ـ چەك ئارقىلىق ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت ـ پاش قىلىش مەسىلىلىرى 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىگىچە بېسىلغان شۇ جاينىڭ پوچتا تامغىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەنە داۋاملىق قوبۇل قىلىپ بېجىرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.