تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە يېڭى جاۋاب قەغىزى پۈتۈش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، خەن چىنيەن

ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ ئاساس.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، قوش تىل ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى. باش شۇجى ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ تەشەببۇس قىلغان «بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە يېڭى جاۋاب قەغىزىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتتى.

دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئوقۇتۇش تولۇق قاپلاندى

رەت - رەت ئاقتېرەكلەر ئېگىز ئۆسكەن بولۇپ، باھار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مۇخبىرلار كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە، پاكىز، رەتلىك مەكتەپ قورۇسىدا كىتاب ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى. مەكتەپتىكى «مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىناسى»نىڭ 1 - قەۋىتىدىكى زالنىڭ سول تەرىپىگە 2014 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە چۈشكەن چوڭ سۈرەت ئېسىلغان بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەربىر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلىدۇ.

6 - يىللىق 1 - سىنىپنىڭ دەرسخانىسىدا، ئوقۇغۇچىلار كۆپ ۋاسىتىلىك ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران ئارقىلىق جاراڭلىق ئاۋاز، تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن «ئالتۇن رەڭلىك قارماق» دېگەن تېكستنى ئوقۇۋاتاتتى.

توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلەپلا قالماي، يەنە خەتتاتلىق، جىڭجۈ تىياتىرى، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقاتتى. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەكتەپ ئاچقان قىزىقىش سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولاتتى.

«شى بوۋام ئەگەر يەنە مەكتىپىمىزگە كەلسە، چوقۇم بىزنىڭ ئىپادىمىزنى ماختايدۇ» دېدى 6 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەفىسە ئوبۇل ئىشەنچ بىلەن.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. 2017 - يىلى، ئاپتونوم رايون دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسى بىلەن تولۇق قاپلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى كۈچەيتتى. 2018 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى بىلەن تولۇق قاپلاش نىشانى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاندى.

«دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش بالىلارغا دۇنيانى كۆرىدىغان بىر دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئېگىز، تېخىمۇ يىراققا ئۇچۇپ، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق تۇپراقنى سەھنە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىيازنىڭ بۇ سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، قىسمەن ئوقۇغۇچىلار چىڭخۇا داشۆ، نەنجىڭ داشۆ قاتارلىق جۇڭگودىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى

توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ياتاق بىناسى، كۇتۇپخانا، پەن - تېخنىكا سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، ھەربىر ئاتا - ئانا بالىلىرىنى بۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ ھەم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

سەككىز يىل ئىلگىرى باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەن مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى تەن لىيىڭ يەنىلا ھاياجېنىنى باسالمايتتى. «بىز ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلىسەكلا، ئاندىن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىغا يۈز كېلەلەيمىز.» تەن لىيىڭ مۇنداق دېدى: سەككىز يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مەكتەپنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، مەكتەپ بىناسىنىڭ كۆلىمى ئۈچ ھەسسە كېڭىيىپ، زامانىۋى مەكتەپكە ئايلاندى.

«<يۈرۈشلەشكەن سىنىپ>لار تولۇق قاپلىدى، ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا كومپيۇتېر سەپلەپ بېرىلدى، ئوقۇغۇچىلىرىمىز گۇاڭجوۋدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر دەرسنى ئورتاق ئاڭلىيالايدۇ.» تەن لىيىڭ دەرسلىكنى ئېچىپ خۇشال ھالدا تەڭ بەھرىلەندى، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشتى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 2014 - يىلىدىكى 410دىن ھازىرقى 1318گە كۆپەيدى.

چەت، يىراق يېزا - كەنتلەردە كىتاب ئوقۇۋاتقان ئاۋازلار جاراڭلاپ تۇراتتى؛ يورۇق دەرسخانىلاردا زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى؛ پىلاستماسسا تەنتەربىيە مەيدانىدا، بالىلار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ يۈگۈرۈشۈۋاتاتتى... بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەنت - بازارلاردا ئەڭ گۈزەل ئىمارەت مەكتەپ بولۇپ قالدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ مائارىپ بايلىقى پەرقىنى كىچىكلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىش.

ئاپتونوم رايونىمىز باشتىن - ئاخىر مائارىپنى مالىيە چىقىمىدىكى نۇقتىلىق ساھە سۈپىتىدە ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇردى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ خىراجىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.12 ئاشتى. ئاپتونوم رايون چوڭ سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى سانى نورمىدىن ئېشىپ كېتىشنى كۈچەپ تۈگىتىپ، يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ۋە يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا مەكتەپ مائارىپىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 96 ناھىيە (شەھەر، رايون) مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىكىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئۆتتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ناھىيە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىغانلىقىدىن، شۇنىڭدىن باشلاپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىندى

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن غەربىي جەنۇبىغىچە، مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى باسقان بولسىمۇ، باش شۇجى بىلەن چۈشكەن «ئائىلە سۈرىتى» سىچۇەن داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىلجان ئەسقەرگە ئىزچىل ھەمراھ بولدى. سەككىز يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلگەندە، ئادىلجان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە شى بوۋىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ ئۇنتۇلغۇسىز ھەم قىممەتلىك دەقىقىنى قالدۇرغانىدى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، «پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېگەن سۆز ئادىلجاننىڭ قەلبىگە پۈتۈلگەن قەتئىي نىشانغا ئايلاندى.

«شى بوۋام بىزنى ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئالغا بېسىپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، بۇ سۆزلەر ماڭا ئىزچىل ئىللىقلىق بەخش ئېتىپ، مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى.» ئادىلجان مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىق بولۇشۇم بىر قاتار مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2014 - يىلى، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە پەقەت 32 ئوقۇتقۇچى بار ئىدى، نۆۋەتتە 87گە كۆپەيدى، يېڭى قاننىڭ تولۇقلىنىشى مەكتەپكە ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ئېلىپ كەلدى، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆسۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. مەكتەپ بويىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 260تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، 563 ئوقۇغۇچى داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى مەكتەپلەرنىڭ خاسلىقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا، يېزا مەكتەپلىرىگە مايىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي ساپانى ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنىڭ باش ئۆلچىمى قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى مەنبەدىن ياخشى تۇتتى؛ مەركەزنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى قوزغىتىپ يولغا قويدى، يەرلىكنىڭ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشىنى قوللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭ سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى، شان - شەرەپ كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ھۆرمەتكە سازاۋەر، ھاياتىي كۈچكە ئىگە» بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 96 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ھەممىسى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2017 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئۆزى تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا 8 مىليارد 348 مىليون يۈەن مائاش ياردەم پۇلى بەردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، كىشى بېشىغا ھەر ئايدا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل 200 يۈەندىن 300 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق، تاماق، قاتناش مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىندى.

بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلدى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى جەمئىي 377 مىڭ 100گە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.