تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش مۇقەررەر يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىدۇ، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، دېھقانلارنى بېيىتىدۇ.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپلا قالماي، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، شۇنداقلا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتتى.

كەسىپلەر گۈللەندى

يېزا تەرەققىياتى «كۈچ»كە تولدى

4 - ئايدىكى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، ئېتىزلاردا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، پارنىكلاردا گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، كىچىك بازار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقنى باشلايتتى، بېيىش يولى قانچە كۆپەيگەنسېرى، ئۇ ۋاقىتنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى شۇنچە ھېس قىلدى.

«ھازىر كەنتىمىزدە خاس كەسىپلەر كۆپ، زاۋۇت ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى كۆپ، كەنت ئاھالىلىرى نېمىلا قىلسا پۇل تاپالايدىغان بولدى، بۇنىڭدا كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز، باش شۇجىغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئائىلەمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن بىر تەرەپتىن كالا بېقىپ، گۈل ئۆستۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن تىراكتور بىلەن باشقىلارنىڭ يېرىنى ھەيدىشىپ بېرىپ، ئۈچ ئۈلۈش كىرىم قىلىمەن» دېدى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئابدۇقېيۇم روزى. بۇ مەزگىلدە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ باققان ئون نەچچە تۇياق كالا ئوبدانلا سەمرىدى، ئۆستۈرگەن گۈللىرى 5000 يۈەنگە يېقىن سېتىلدى، ئۇنى يەر ھەيدەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تېلېفون قىلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە كىردى. باش شۇجى ئابدۇقېيۇم روزىغا مۇنداق دېدى: ئائىلەڭلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇ سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانىدۇر. مەن پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە سىلەرنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

سەككىز يىل ئىلگىرىكى بۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا قايتا نەزەر سالغاندا، ئابدۇقېيۇم روزى ۋە يۇرتداشلار ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، كەنت قىزىل ساياھەت كەسپى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، خاس باغ - ئورمانچىلىق، گۈل - گىياھ، مايسا - كۆچەت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن سەككىزنى ۋە كەنت باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتتىن تۆتنى قۇرۇپ، شۇ كەنت ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى نۇرغۇن ئەمگەك كۈچىنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل، كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرىگە تايىنىپ، پۈتۈن كەنت ئەسلىدىكى 200 مو قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئاساسىدا يەنە 400 مو ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 400 مودىن ئارتۇق يەرگە سۈپۈرگە بۇغۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قوناق تېرىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى يەنىمۇ زورايتىدۇ.

مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، مەيلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىلگىرىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلار بولسۇن ياكى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلگىرى كەسىپلىرى يەككە چەت - يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى بولسۇن، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىگە ئەگىشىپ، پەرقلىق، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنىڭ بارغانسېرى ئايدىڭلاشقانلىقى، كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنىڭ يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغانلىقى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

تاغ - دەريالار يېشىللىققا پۈركەندى

كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە «سۈپەت» ئۆزگىرىشى بولدى

1 - ، 2 - ئايدا مۇز تېيىلىش مەيدانلىرى ساياھەتچىلەرگە تولىدۇ، 3 -، 4 - ئايدا ئۆرۈك، شاپتۇل دەرەخلىرى چېچەكلەيدۇ، 5 -، 6 - ئايدا شال ئېتىزلىرى يېشىل تۈسكە كىرىدۇ، 7 -، 8 - ئايدا باغلار مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدىغا تولىدۇ... ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مويدىن مونىيازنىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىن بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە توخۇلا يېزىسىنىڭ تەبىئىي «رەڭ تەڭشەش تاختىسى»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئونسۇ ناھىيەسىدە سۇ كۆپ بولغاچقا، «گۈزەل بوستانلىق، بېلىق، گۈرۈچ ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، بۇ ناھىيە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈردى، «تىيانشاندىكى غايىۋى شەھەر، تاغ، سۇلىرى گۈزەل ئونسۇ»نىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمى تۆمۈر چوققىسى باغرىدا ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

«ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، رەتلىك، پاكىز كەنت قىياپىتى، قولاي ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئارقا گۈللۈكىگە ئايلاندى. ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىنىڭ تاغلاق كەنتى، توخۇلا يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتى، تۇمشۇق بازىرىنىڭ لەڭگەر كەنتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى» دېدى ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ خۇڭتاۋ.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارغا ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىتتى. دېھقان - چارۋىچىلار پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يەردىن چىققان ئاشلىق، كۆكتات، ياغلىق دان، دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىق زىرائەتلەر، بېقىلغان چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھەممىسى يېشىل. دۆربىلجىن (بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، لياۋياڭ) سانائەت باغچە رايونىدا، مۇخبىر ئىلگىرى كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ سىرتىدا بازار تاپقان، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىققان ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتقا ئايلانغانلىقىنى كۆردى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بەش يىللىق ھەرىكىتىنى ئۇدا يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، 1000 كەنتنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۇرمۇش يۇندىسى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %75كە يەتكۈزۈپ، كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

مۇلازىمەت پۇختا بولدى

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى «مېۋە» بەردى

خىزمەت تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، قەدەمنى تېخىمۇ تېز ۋە پۇختا ئالغىلى بولىدۇ. ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، ئاممىنى رازى قىلىشتا ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈش ئوخشاشلا مۇھىم.

«ھازىر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەم كۆپ، ھەم ياخشى، يېزا - كەنت كادىرلىرىمۇ چىن كۆڭلىدىن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ، بىز خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئوخشىمىغان ئەمەلىي ئىشلار ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى ھېس قىلدۇق. كېسەل كۆرسىتىشنى ئېلىپ ئېيتساق، كەنت ئاھالىلىرى كىچىك كېسەللىكلەرنى يېزا - كەنتتىلا داۋالىتىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى ناھىيەدىلا داۋالىتىدىغان، چوڭ كېسەللىكلەرنى ۋىلايەتتىلا داۋالىتىدىغان، سالامەتلىكنى ئاساسىي قاتلامدىلا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بولدى. كېسەل كۆرسىتىش قولايلاشتى، پۇل ئاز كېتىدىغان بولدى» دېدى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرى يېڭى بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەمرانىسا توختىيۈسۈپ.

پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لوپ ناھىيەسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر، بۇ ناھىيە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئىستىل كاپالىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە تاماملاش ۋاقىت چېكىنى ئىنچىكىلەشتۈردى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش مۇرەسسەسىدىن ئىبارەت «ئۈچ دەرىجىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت»نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى «بىر كەنتتە بىر قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش» «بىر كەنتتە بىر ئىشخانا بولۇش» «بىر كەنتتە بىر مۇرەسسە قىلىدىغان ئائىلە بولۇش» قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «سوتچى، تەپتىش، ساقچى ۋە ئادۋوكات تورسىمان كاتەكچىگە كىرىش»نى يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى + زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئانار دانىسى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ماركىلىرىنى يارىتىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

قەشقەر ۋىلايىتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى ئارقىلىق يېتەكلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەش قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش داۋامىدا، «بىر ئادەمنى بىر ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش» «بىر ئادەمگە بىر ئىش ئورنى بولۇش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى، ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، سىجىل كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.