تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياش ئوقۇغۇچىلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلدى

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2020 - يىلى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 نەپەر ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭدا قېلىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، داشۆدىكى تۆت يىللىق ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلدى، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش كۈچلۈك ئىرادىسىنى بىلدۈردى. يېقىندا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى باش شۇجىغا خەت يازغان ياش ئوقۇغۇچىلارنى قايتا زىيارەت قىلدى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا نامايان قىلىش] 2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئەستايىدىل بولۇپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللىدى.

[زىيارەت ۋە سۆھبەت جەريانىدىكى قەلب ساداسى] ياش ئوقۇغۇچىلار: بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىمىز.

«پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق!» 2020 - يىلى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، خىزمەت ئورنىغا قاراپ ماڭدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر سالدى. ئۇلارنىڭ كەينىدە، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئۇلارنىڭ تەسىرىدە ئوخشاش تاللاش ئېلىپ باردى.

ئارزۇ قاناتلاندى، ياشلىق باھار نۇر چاچماقتا!

ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ياشلىق باھارى سەھىپىسىنى پۈتۈش

چۆل - باياۋاندا بوران گۈركىرەپ چىقتى، شامال كۈچى سەككىز بالدىن يۇقىرى ئىدى. 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى بەيكوۋچۈەن نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىدا، خې بويەن مەشغۇلات رايونىنىڭ بەنجاڭىدىن نېفىت قۇدۇقى ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈشنى ئۆگىنىۋاتاتتى.

بەيكوۋچۈەن نېفىت ئېلىش زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىدىغان خې بويەن باش شۇجىغا خەت يازغان 118 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل 24 ياش.

خې بويەن سىچۇەن ميەنياڭدىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسىدىكى يالغۇز ئوغۇل ئىدى. ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ «ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغانمەن» دەپ تەسۋىرلىدى.

داشۆدىكى پىراكتىكا مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلام نېفىتلىكىدىكى نېفىتچىلارنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش روھى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. «نۇرغۇن ئۇستازنىڭ يېشى بىرقەدەر چوڭ ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمگە ئۇلارنىڭ ئىزباسارى بولۇپ ئىشلىسەم بولمامدۇ، دەپ سوئال قويدۇم» دېدى ئۇ.

«ياشلار مۇھىم، زور تاللاشقا دۇچ كەلگەندە ھەمىشە ئازراق گاڭگىراپ قالىدۇ، بۇ چاغدا تاپشۇرۇۋالغان باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى خۇددى ماياكقا ئوخشاش، بىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ناھايىتى ئىلھاملاندۇق، بۇ يەردە قېلىش ئىرادىمىز چىڭىدى» دېدى خې بويەن.

خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، خې بويەن دالا مەشغۇلاتىنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدى، شۇنداقلا ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ مۇشەققىتىنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. «مېنىڭ خىزمىتىم <مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى>غا ئوخشايدۇ، نېفىت قۇدۇقى ئىشلەپچىقىرىشىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: تىرىشىش ئارقىلىق نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىش مىقدارى ئاشۇرۇلغاندا، تۆلىگەن بەدەللىرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.

«ئەگەر يەنە باش شۇجىغا دوكلات قىلسام، مەن، پۇختا قەدەم بىلەن پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ، ياشلىق باھارىمنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا جۇلالاندۇرۇشنى خالايمەن، دەيمەن» دېدى خې بويەن.

بەيكوۋچۈەن نېفىت ئېلىش زاۋۇتى دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى مىليون توننىلىق نېفىت ئېلىش زاۋۇتى. 2021 - يىلى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تۇنجى قېتىم 2 مىليون توننىدىن ئېشىپ، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ 2 مىليون توننا دەرىجىلىك 3 - چوڭ نېفىت ئېلىش زاۋۇتىغا ئايلاندى.

«كارخانا ئەقلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 3 مىليون توننىلىق زامانىۋى چوڭ نېفىت ئېلىش زاۋۇتى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە، يېڭى مۇساپىدە پەن تەتقىقات، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر ئەشيا تورى جەھەتتىكى ياش تايانچلار جىددىي زۆرۈر.» بەيكوۋچۈەن نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى ۋاڭ يۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ تەسىرىدە، 2020 - يىلى جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىسى كارخانىغا كەلدى، 2021 - يىلى يەنە ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى كەلدى، بۇ يىل يەنە تېخىمۇ كۆپ يېڭى قان كارخانىغا قوشۇلىدۇ.

ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ كەينى - كەينىدىن قوشۇلۇشى نېفىتلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ مۇجەسسەملىدى، ياشلارمۇ غايە - ئېتىقادىنى بۇ مۇنبەت تۇپراققا سىڭدۈردى. خې بويەننىڭ بىر مىسرا شېئىرىدا ئېيتىلغىنىدەك − بىباھادۇر شۇنچە ياشلىق باھارىمىز، ئىككىلەنمەي دۆلەت ئۈچۈن بېغىشلاشقا تەييارمىز.

ياشلار كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن نەزەر سېلىشى كېرەك

مۇخبىر ئوقۇش پۈتكۈزگەن 118 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىنچىسىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىدا راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەستايىدىل بولۇش كېرەك، «ياخشى بىر بۇرما مىخ بولۇشمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك».

«باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى مېنى قىيىنچىلىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىزچىل ئىلھاملاندۇردى» دېدى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى ۋاڭ لياڭجې.

قارا رەڭدىكى قوش ئاسمىلىق سومكا ئېسىۋالغان قىزىل سىيما كۆرۈنسىلا، ۋاڭ لياڭجېنىڭ نېفىت قۇدۇقىغا كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى، سومكىسىغا خەرىتە، چېرتيوژ ۋە باشقا ماتېرىياللار لىق قاچىلانغانىدى.

«دەسلەپتە قۇدۇقنى تاپالمىغاندا، خەرىتىگە قارايتتىم؛ كۈندۈزى قۇدۇق ئارىلاپ، كەچتە سىزىپ چىقىپ، ئاندىن يەنە قۇدۇققا بېرىپ سېلىشتۇراتتىم؛ بىر تەرەپ قىلغۇچ كىلاپان ۋە ئەسۋاب كۆپ، پارامېتىرمۇ كۆپ ئىدى، ھەربىر زاپچاس ۋە پارامېتىرنى خەرىتىدە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى ئۇ.

«ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن جەھەتتە تاۋلىنىش كېرەك، ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئۇزۇن، مەن تېخى ئەمدىلا قەدەم ئالدىم.» ۋاڭ لياڭجې سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىي خىزمەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن خېلىلا كۆپ بولدى، لېكىن ئېتىقادىم ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىپايان قۇملۇق نېفىتلىكىدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىت ئېلىش 3 - زاۋۇتى ئېچىش تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋېي پېڭفېي ئۆسۈپ يېتىلىش يۆنىلىشىنى تاپتى − ئىلمىي لايىھە ئارقىلىق نېفىت قۇدۇقىنى تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش.

ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ شېرىن مېۋىگە ئېرىشىشى مۇقەررەر. ۋېي پېڭفېي تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ لايىھەلىگەن، ياخشىلىغان يېڭى ھۈنەر - سەنئەت − چىشلىق چاق ئۈشكىسىنى ئىشلەتكەندە ئوخشاش قۇرۇلۇش مىقدارىدا ئەسلىدىكى تۆۋەن مۆلچەرگە قارىغاندا قۇرۇلۇش مۇددىتى جەمئىي 20 كۈن تېجەلدى، ئاشۇرۇلغان ئۈنۈم 1 مىليون يۈەنگە يېقىن بولدى.

گۇيجوۋدىن كەلگەن ياڭ شىڭ 2020 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى لۇلياڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدا خىزمەت قىلدى. قېپقېلىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەختلىك تاللاش ئىدى. «قارامايدا ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ۋە دوستلىرىم، يەنە لايىقىم بار، بۇ يەر مېنىڭ ئائىلەم» دېدى ئۇ.

ياڭ شىڭنىڭ لايىقى لى تىڭ بۇلتۇر گۇيجوۋدىن قارامايغا كېلىپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئىككىيلەن توي ۋاقتى، توي مۇراسىمىنىڭ تەييارلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

گۇيجوۋ بىلەن قاراماينىڭ ئارىلىقى نەچچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ مۇھىم تاللاش سەۋەبلىك بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتتى.

تېخىمۇ كۆپ كىشى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشنى تاللىدى

«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن 2021 - يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدە، يەنە 226 ساۋاقداش شىنجاڭدا قالدى» دېدى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى چېن دائېن مۇخبىرغا.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى لۇلياڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان گو شياڭشياڭ 2021 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن. ئۇ ئەنخۇي خېفېيدىن كەلگەن بولۇپ، داشۆنىڭ 3 - يىللىقىدا باش شۇجىنىڭ 118 مەكتەپدىشىغا جاۋاب خەت يازغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق ھاياجانلاندى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ تاللىشىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولدى.

«مەشغۇلات رايونى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدا، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قارامايغا قايتىمەن، بۇ يىل باھار بايرىمىنى تۇنجى قېتىم ئۆيگە قايتماي ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭچە مەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمەن، قەتئىيلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىمەن» دېدى ئۇ.

3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچقۇرۇن، مۇخبىر مەكتەپ رايونى كۇتۇپخانىسىنىڭ تەكرارلاش ئۆيىگە كەلدى، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ كەلدى، بىر كىتاب ئۈستىلى، بىر چىراغ، چىراغ ئاستىدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىۋاتقان سىيمالار. ۋاڭ شىڭزې ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ۋاڭ شىڭزې جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى بىلەن توختام ئىمزالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ نېفىت چارلاپ تەكشۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، داشۆنىڭ 2 - يىللىقىدىن باشلاپلا بۇ يەردە قېلىشنى ئويلاشتىم. ئالدىنقى ئىككى قاراردىكى مەكتەپداشلىرىنىڭ تاللىشى دەل ئۇنىڭ نىشانى ئىدى.

ھازىرغىچە، بۇ مەكتەپ رايونىدىكى 2022 - يىللىق قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 191 ئوقۇغۇچى ئاللىبۇرۇن غەربىي قىسىمدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى.

2016 - يىلى تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان 21 كەسىپ تەسىس قىلىپ، پىلاندا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىنى 510دىن 1700گە كۆپەيتىپ، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى قاپلىغان قۇرۇلۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ چىقتى.

مەكتەپ رايونى مەركىزىدىكى «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بارىمەن» دېگەن قىزىل رەڭلىك خەتلەر ئويۇلغان ئابىدە ھەربىر ساۋاقداش دېگۈدەك چوقۇم خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغان جاي ئىدى.

«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ ئىلھامىدا، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساۋاقداشنىڭ غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز تىرىشىپ مەكتەپ رايونىنى ئالىي قۇرۇلۇش مائارىپى بويىچە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرىمىز» دېدى چېن دائېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.