تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىرىشتۈرۈپ تېرىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش بىر يەردىن كۆپ خىل ھوسۇل ئېلىش

− يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مۇخبىر يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى يۇقىرى ئەمەنلىك كەنتىدىكى بىر پارچە سالا ئېتىزغا كىرگەندە، كۆز يەتكۈسىز سالا ئېتىزدا پەقەت ئۈچلا كىشى ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

«گۈر - گۈر...» بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز تىراكتور كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى سۆرەپ، ئالدىن بېكىتىلگەن لىنىيە بويىچە تېرىشنى باشلىغان بولۇپ، ئوغۇتلاش، ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش قاتارلىقلارنى بىراقلا تاماملاۋاتاتتى، قاتار - قاتار تۈپتۈز سولياۋ يوپۇقلار تەكشى سالا ئېتىزلارغا رەتلىك يېيىلىۋاتاتتى.

«بىز ئارپىبەدىيان تېرىشتىمۇ يۇقىرى پەن - تېخنىكىنى قوللىنىپ، تۈجۈپىلەپ تېرىپ، كۈچنى، ۋاقىتنى تېجىدۇق.» ماشىنىدا ئارپىبەدىيان تېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا مامۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئارپىبەدىيان تېرىيتتۇق، توڭ ياتقۇزۇشتىن بۇرۇن ئېتىزغا قىر سالاتتۇق، سۇ قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە قىرنى تۈزلەيتتۇق، كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپلا قالماي، ھەر مو يەرنى يەنە 300 كۇب مېتىر سۇ بىلەن سۇغىرىشقا توغرا كېلەتتى».

بۈگۈنكى كۈندە، قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئەندىزىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئەمدى قىشتا توڭ ياتقۇزمايدىغان، ئەتىيازدا ئوسىلىمايدىغان بولدى، ھوسۇل ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىن يۇقىرى بولدى.

يۇقىرى ئەمەنلىك كەنتىدىكى سالا ئېتىزدا، شىنجاڭ يۈەندا يېشىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن تېخنىكا مۇلازىمەت كوللېكتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، بىر قېتىم تېرىپلا تولۇق مايسا يېتىشتۈرۈش» شەكلىدە ئارپىبەدىيان تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئىلگىرى يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئارپىبەدىيان تېرىغاندا، ئادەتتە قىشتا توڭ ياتقۇزۇپ، ئەتىيازدا ئوسىلاپ يەرنى ئىككى قېتىم سۇغىراتتى، شۇندىلا مايسا چىقىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. ھازىر قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئارپىبەدىيان تېرىشتىن بۇرۇن ھەم توڭ ياتقۇزماي، ھەم ئەتىيازدا ئوسا قىلماي، ئۇرۇق سالغاندا بىۋاسىتە سولياۋ يوپۇق يېپىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى ئورناتسىلا بولىدۇ.

«قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىلغان ئارپىبەدىياندا كەنت ئاھالىلىرى يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلى ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىپ، يوپۇق ئاستىدىكى تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىنى ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىش تەلىپىگە يەتكۈزۈپ، بىر قېتىم تېرىپلا تولۇق مايسا يېتىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يەنە ئارپىبەدىيان تېرىقچىلىقىنىڭ سۇ ئىشلىتىش تەننەرخىنى تېجەپ قالىدۇ» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى نيې شىخۇي.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارپىبەدىيان تېرىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئوغۇتلاش قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ئارپىبەدىياننىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئارپىبەدىيان يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئالدىن تاللاپ تېرىيدىغان زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ يۈەندا يېشىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئارپىبەدىيان سورتلۇق ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش، تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنى بىلەن كۈچلۈكلەر بىرلىشىپ، يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا مۇلازىمەت كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ، كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، سۇ بايلىقى قىس بولۇش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىنى تېجەپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى ھەقىقىي ياخشى ياردەمچىگە ئايلىنىپ، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئارپىبەدىيانىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

«تېخنىكا مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئارپىبەدىياننىڭ مو بېشى ھوسۇلى 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە ئاشتى، مو بېشى كىرىمىمىز 600 يۈەندىن 900 يۈەنگىچە كۆپەيدى.» ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن يېڭى ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ، تۆت مو يەرگە ئارپىبەدىيان تېرىدىم، سۇ، ئوغۇتنى ياخشى باشقۇرساملا، چوقۇم ياخشى ھوسۇل ئالالايمەن».

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلار پائال تۈردە ئارپىبەدىيان تېرىدى. يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى قارا توغراق كەنتىدىكى كۆپ يىل ئارپىبەدىيان تېرىغان كەنت ئاھالىسى قۇۋانخان غۇلام ئارپىبەدىيان كەسپىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنىدى، بۇ يىل، ئۇ بالدۇرلا ئارپىبەدىيان تېرىشقا تۇتۇش قىلدى.

«بۇلتۇر، مەن ئۈچ مو يەرگە ئارپىبەدىيان تېرىپ 5000 يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش يېڭى تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ياخشى پەرۋىش قىلدىم، ھەر مو يەردىن 2000 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم بار.» قۇۋانخان مۇنداق دېدى: «5 - ئاينىڭ بېشىدا ئارپىبەدىيانغا كۆممىقوناقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، قوش كىرىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن».

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى باشلانغاندىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىرىنچى سەپكە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، يېزا - بازارلاردىكى مەسئۇل خادىملار ئېتىز بېشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، يوپۇغا ناھىيەسىدە 250 مىڭ مو يەردە ئارپىبەدىيان ئەتىيازلىق تېرىلغۇسى ئېلىپ بېرىلماقتا.

يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى يېزا تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەنجۈر كۆچىتىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، كۆچۈرۈپ تىكتى.

«مەن ئارپىبەدىيان تېرىغان يەرگە ئەنجۈر كۆچىتى تىكىپ، بىر مو يەردىن بىر نەچچە خىل ھوسۇل ئالىمەن» دېدى يۇقىرى تىگىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن مەمەت.

مەۋقەنى ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەرگە قويۇپ، يوپۇغا ناھىيەسى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىناق قىلىپ، كىرىشتۈرۈپ تېرىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى تاللاپ، يەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. تېرىلغۇ يەرنىڭ مو بېشى مەھسۇلات قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇغداي، ئارپىبەدىيانغا چىلان، ئەنجۈر قاتارلىقلارنى كىرىشتۈرۈپ تېرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىراق - يېقىنغا داڭلىق يېزا ئىگىلىكى ئېكسكۇرسىيە - ساياھەت بازىسىغا ئايلاندى.

«ئەنجۈر كىچىك بازىرى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل بىزنىڭ يۇقىرى تىگىن كەنتىمىز ئەسلىدىكى 4300 مو ئەنجۈرلۈك ئاساسىدا، يەنە 2500 مو يەرگە يېڭىدىن ئەنجۈر كۆچىتى تىكتى، پۈتۈن كەنتنىڭ ئەنجۈر ئۆستۈرۈش كۆلىمى 6800 موغا يېتىپ، پۈتۈن كەنت يەر كۆلىمىنىڭ %56 ىنى ئىگىلىدى. يۇقىرى تىگىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دەي جىخاۋ مۇنداق دېدى: «ئەنجۈر ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.