تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

​شىنجاڭنىڭ ياغلىق دان كەسپىدە «كۆپ»لىگەن ياخشى تەدبىر قوللىنىلدى

تېرىقچىلىق كۆپ مەنبەلىك، مەھسۇلات كۆپ خىل، ئەندىزە كۆپ خىل بولۇش

​شىنجاڭنىڭ ياغلىق دان كەسپىدە «كۆپ»لىگەن ياخشى تەدبىر قوللىنىلدى

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسى مىننەتدار قەلب يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى يېمەكلىك ياغ مەھسۇلاتىنى سانىماقتا. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان 1 - دەرىجىلىك زىغىر يېغى قاتارلىق يېمەكلىك ياغ مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىن چىقىپ، باشقا ئۆلكىلەرگە سېتىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۈەنزىگەي بازىرىدىكى دېھقانلار زاراڭزا ئۇرۇقىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ بازار بۇ يىل 5100 مو يەرگە زاراڭزا تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقىدىن 500 مو كۆپەيدى.جاڭ يۈن فوتوسى

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى مىليون مو يەردىكى قىچا چېچەكلەپ ئالتۇن رەڭگە كىردى (ماتېرىيال سۈرەت). لەي يۈنىڭ فوتوسى

مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، دادۇر ۋە ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار سىياسەت شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ماركا قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ياغلىق دان كەسپىنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىي قىلدۇردى.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، خې جياڭ

قۇرۇلمىنى تەڭشەش

سەھرادىكى «خۇشبۇي ياغ پۇرىقى»

«بۇ بېغىمدىن يىلدا ئۈچ ئۈلۈش كىرىم قىلىمەن. ھەر مو ياڭاقلىقتىن 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىپ، تەخمىنەن 2000 يۈەن ساپ كىرىم قىلىمەن؛ ياڭاق دەرىخى ئاستىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان بۇغداينى 6 - ئايدا ئورۇپ، ھەر مو يەردىن 400 يۈەن ساپ كىرىم قىلىمەن؛ بۇغداي ئورۇپ بولغاندىن كېيىن كىرىشتۈرۈپ دادۇر تېرىپ، ھەر مو يەردىن يەنە كىرىمىمنى 500 يۈەن ئاشۇرىمەن» دېدى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتىدە، بېغىنى پەرۋىش قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئابدۇساتتار ئابدۇرازاق.

تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئوراپ تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم رايونلاردا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، مېۋە بىلەن ئاشلىقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىدە ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلدى، ھەم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. 39 مىڭ مو مېۋىلىك باغقا ئىگە چارباغ يېزىسىنى مىسالغا ئالساق، %95 مېۋىلىك باغدا بۇغداي، دادۇر قاتارلىق پاكار غوللۇق زىرائەتلەر كىرىشتۈرۈپ تېرىلدى. «بۇلتۇر، پۈتۈن يېزا بويىچە كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان، ئېڭىزغا تېرىلغان 5000 مو دادۇردىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، دېھقانلار كەنتتىن چىقمايلا دادۇرنى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىغا سېتىپ بەردى. بۇ يىل، ئېڭىزغا تېرىلىدىغان دادۇرنىڭ كۆلىمى يەنە كۆپىيىدۇ» دېدى بۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈسۈپ مەمەت مۇخبىرلارغا.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ باش ئاگرونومى لى گۇاڭنىڭ قارىشىچە، كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ئېڭىزغا تېرىش ئەندىزىسىنىڭ يەكەن، پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، سەھرالاردا «خۇشبۇي ياغ پۇرىقى» بارغانسېرى قويۇقلاشتى. ياڭاق، بادامنى ئىنچىكە پىششىقلىغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى يېمەكلىك يېغى بارلىققا كېلىدۇ، دادۇر ئاساسىي جەھەتتىن ياغلىق دان ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇغداي ئېڭىزلىقىغا يازدا تېرىلىدىغان دادۇر يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈش، تاللاش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلماقتا.

2019 - يىلى مو بېشى ھوسۇلى 304.8 كىلوگىرام، 2020 - يىلى مو بېشى ھوسۇلى 310.74 كىلوگىرام، 2021 - يىلى مو بېشى ھوسۇلى 330.39 كىلوگىرام بولدى. يېقىندا «دادۇرچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى» بولۇپ باھالانغان پوسكام ناھىيەسىدە يازدا تېرىلغان دادۇرنىڭ مو بېشى ھوسۇلىدا ئۇدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دادۇر تېرىش سەۋىيەسى مۇشۇنداق، شىمالىي شىنجاڭمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ، 2020 - يىلى، دۆلەت دادۇر كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى شىخەنزە ئۇنىۋېرسال تەجرىبە سىناق پونكىتىدا، مۇتەخەسسىسلەر يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىپ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى ئەتىيازدا تېرىلىدىغان دادۇرنىڭ ئەمەلىي ھوسۇلىنى ئۆلچىگەندە، مو بېشى ھوسۇلى 453.54 كىلوگىرامغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دادۇردىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا يېڭى رېكورت ياراتتى.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، 2021 - يىلى، شىنجاڭنىڭ دادۇر تېرىقچىلىق كۆلىمى 300 مىڭ مودىن ئاشقان. دادۇر ھەم مۇھىم ئاشلىق زىرائىتى، شۇنداقلا مۇھىم ياغلىق دان زىرائىتى ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنىڭ مەنبەسى، دادۇردىن پۇرچاق يېغى ئېلىنغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان پۇرچاق تىرىپى يەنە ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل، دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ياغلىق دان كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان رايون، نۇقتىلىق سورت، تىجارەت مۇلازىمەت سۇبيېكتلىرىغا مەركەزلىك مەدەت بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ياغلىق دان زىرائەتلىرىنى تېرىش، پەرۋىش قىلىش تەتقىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ياغلىق دان كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، دادۇر قاتارلىق ياغلىق دان زىرائەتلىرىنى تېرىش ئىستىقبالى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.

خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش

زاكازلىق «تېرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش»

بۇ بىرنەچچە كۈندە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزا، كەنتتە دېھقانلار زاكازلىق قىچىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئۈمىد باغلىدى. بۇ يىل 600 مو يەرگە قىچا تېرىشنى پىلانلىغان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنبۇلاق يېزىسى دۇڭشېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خې شىبىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قىچا تېرىشنى باشلايمىز، تېرىشتىن ئىلگىرى، كارخانىلار بىز دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن توختام تۈزدى: تېرىلغان قىچا سېتىۋېلىش ئۆلچىمىگە يەتسىلا، كارخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامى ئالتە يۈەن بولىدۇ؛ ئەگەر كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە قىچىنىڭ بازار باھاسى ئالتە يۈەندىن يۇقىرى بولسا، كارخانىلار بازارغا قاراپ باھانىڭ ئۆزگىرىشى بويىچە سېتىۋالىدۇ».

ياز پەسلىدىكى كىلىماتى سالقىنراق بولغاچقا، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى نۇرغۇن جاي قىچا ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئەتىيازلىق قىچا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، تېرىلغۇ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 1 مىليون مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، «جۇڭگو قىچا ماكانى» دەپ تەرىپلەنگەن. موڭغۇلكۈرە ئوتلاق، ئاشلىق، ياغ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۇڭچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ياغلىق دان زىرائىتى ئىشلەپچىقىرىشنى يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلار بىلەن تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئېشىپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئېروكىك كىسلاتاسى تەركىبى يۇقىرى قىچا تېرىقچىلىق بازىسى بەرپا قىلماقتا.

بۇ يىل، موڭغۇلكۈرە ئوتلاق، ئاشلىق، ياغ ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرى ھەم يېقىن ئەتراپتىكى بىڭتۇەننىڭ تۇەن - مەيدانلىرى بىلەن 100 مىڭ مو قىچا تېرىش زاكاز توختامى ئىمزالىدى. ھوسۇل، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ شىركەت تېرىقچىلىق تېخنىكىسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى ئالدىن تەشكىللەپ، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىلمىي پەرۋىش قىلىشى، ئۆلچەملىك تېرىقچىلىق قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن كارخانىلارنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھەم دورىلىق ئۆسۈملۈك ھەم ياغلىق دان بولغان زاراڭزا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بىر چوڭ خاس زىرائىتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ۋىلايەتتە تېرىلغان 160 مىڭ موغا يېقىن زاراڭزا ئاساسلىقى چاغانتوقاي ناھىيەسىگە تارقالغان. ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىشىگە، تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىشىغا ئەگىشىپ، زاراڭزا شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. «بۇ يىل، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى ۋە ساۋەن شەھىرىدە 20 مىڭ مو خاسىڭ تېرىشنى پىلانلىدى، بۇ يەرنىڭ تۇپراق شارائىتى خاسىڭ تېرىشقا ماس كېلىدۇ» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مېڭ لىڭفاڭ.

ياغلىق ئاپتاپپەرەس تېرىش ئەنئەنىسىگە ئىگە گۇچۇڭ ناھىيەسى بۇ يىل دادۇر، خاسىڭ قاتارلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياغلىق دان زىرائەتلىرىنى كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ ئەيمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: گۇچۇڭ ناھىيەسى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، سۇ تېجەش، ئوغۇت تېجەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ياغلىق دان زىرائەتلىرىنى تېرىشتا كەڭ قوللىنىپ، ياغلىق دان زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى «تېرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش

سېختا «زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش»

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شايار يىكاڭ ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەنۋەر كامىل يۆتكەش - توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، تۇڭغا قاچىلانغان يېمەكلىك ياغلىرىنى ئامباردىن يۆتكەپ چىقىپ، يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاۋاتاتتى. بىر چوڭ ئاپتوموبىلدىكى ئالتۇن رەڭلىك، سۈزۈك يېمەكلىك يېغىنىڭ زاۋۇتتىن توشۇلۇپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىققانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئەنۋەر بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.

«پۈتكۈل ياغلىق دان كەسپىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ يىل، بىز 100 مىڭ توننا چىگىت ئىشلىتىپ، 20 مىڭ توننا چىگىت يېغىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى پىلانلىدۇق، قىچا يېغى، پۇرچاق يېغىنىڭ ھەرقايسىسىدىن 3000 - 4000 توننا سېتىۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى شايار يىكاڭ ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لېيلېي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ياغ تارتىش، رەڭسىزلەندۈرۈش، ياغ ماددىسىنى ئازايتىش ھۈنەر - سەنئىتىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، چىگىت يېغى تەركىبىدىكى زىيانلىق تەركىبلەرنى چىقىرىۋېتىپ، بازارنى ئۈزلۈكسىز «ئىشەنچلىك ياغ» بىلەن تەمىنلىدى.

شايار ناھىيەسى ۋە ئەتراپىدىكى توقسۇ ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى بىردەك دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ناھىيەلىرى بولۇپ، ھەر يىلى 500 مىڭ توننا ساپ پاختا، 700 مىڭ توننا چىگىت ئىشلەپچىقىرىدۇ. ياغلىق دان ھېسابلىنىدىغان چىگىتنى پىششىقلاش جەريانىدا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن سىرت، يەنە زور مىقداردىكى پاختا تىرىپى، كېۋەز پوستى ۋە پاختا قىسقا تىۋىتى ھاسىل بولىدۇ. بۇ كەسىپ زەنجىرىدە، پاختا تىرىپى يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن قاتارلىق جايلار باقمىچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا تالىشىپ سېتىۋالىدىغان يەم - خەشەككە ئايلاندى، كېۋەز پوستى فۇجيەن قاتارلىق جايلارنىڭ زەمبۇرۇغ كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى زۆرۈر خام ئەشياغا ئايلاندى، پاختا قىسقا تىۋىتى توقۇمىچىلىق، خىمىيەلىك تالا، قەغەز ياساش قاتارلىق سانائەت كەسىپلىرىدە خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ياغلىق دان كەسپىنىڭ ئۇزىرىشى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. شۇ جاي جۇڭلياڭ(سانجى)ئاشلىق - ياغ سانائىتى چەكلىك شىركىتى، يىخەي(سانجى)ئاشلىق - ياغ سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇاڭزى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ياغلىق دان پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىغا تايىنىپ، ياغلىق داننى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، يەرلىك ياغلىق دان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار خەۋپ - خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ياغلىق دان زىرائىتى تېرىقچىلىقىغا تۈرتكە بولدى.

قاراماي شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا زىغىر يېغى، ياڭاق يېغى، كۈنجۈت يېغى، بادام يېغى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى ھەم كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشپ، مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە بازار تاپتى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا تۇتاش كەتكەن قىچا ئېتىزلىرى ۋە زاراڭزا ئېتىزلىرى داڭلىق ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى، ئارام ئېلىش ساياھىتى مەنزىلگاھلىرىغا ئايلىنىپ، ياغلىق دان زىرائەتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى سېختىن ئېتىزلارغىچە ئۇزاردى.

«شىنجاڭ ياغلىق دان زىرائىتى تېرىشتا تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، تېرىقچىلىق كۆپ مەنبەلىك، مەھسۇلات كۆپ خىل، ئەندىزە كۆپ خىل بولۇش جەھەتتىن تۇتۇش قىلىپ، ياغلىق دان كەسپىگە <مەدەت بەرگىلى بولىدۇ>.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لېي جۇڭخۇا مۇنداق قارىدى: بىر تۈركۈم يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياغلىق دان زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياغلىق دان پىششىقلاش كارخانىلىرىنى يۆلەش، كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ياغلىق دان كەسپىدە ئۇرۇقلۇقتىن تاۋار سېتىۋېلىش، پىششىقلاش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغىچە سېلىنمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ياغلىق داننى ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياغلىق دان كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.