تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئاتلاندى

قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە

تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئاتلاندى

[ كۆرۈنۈشنى قايتا نامايان قىلىش ] 2016 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى، 100 نەچچە كىشىلىك چوڭ ئائىلىدە ھەممە ئادەمنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلمايۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلانغان قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربان نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدىگە خەت يازدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا يۇرتىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىپ، كېرىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

2017 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازدى. خەتتە مۇنداق دېيىلدى: سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

[ زىيارەت ۋە سۆھبەت جەريانىدىكى قەلب ساداسى ] قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق دېدى: بىز باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، داۋاملىق يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىدە قۇياش نۇرى چاقناپ تۇراتتى. شەنبە بازار بازىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدىكى بىر پۇقرالار تۇرالغۇسىدا، رۇقىيەم مەتسەيدى مېھمانخانا ئۆيدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىلغان ئىككى «ئەڭگۈشتەر»گە قاراپ، ئىختىيارسىز ھالدا 2017 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىنى يەنە ئەسكە ئالدى.

«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، مومام قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماڭا ئۇنى خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئوقۇتقۇزدى. شۇ دەقىقىدە ئۇ خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش بىردەم خەتنى كۆكسىگە ياقسا، بىردەم قولىغا ئېلىۋېلىپ، <باش شۇجىنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ بىزگە جاۋاب خەت يېزىپتۇ> دېگەن سۆزنى قايتا ـ قايتا تەكرارلىدى.» رۇقىيەم مەتسەيدى مۇنداق دېدى: باش شۇجى جاۋاب خېتىدە بىزنى پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى باشتىن ـ ئاخىر قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يۇرتداشلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكاننى ئورتاق قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇش ھەسەلدىنمۇ شېرىن

باھاردىكى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىدە، ئاساسىي كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر ۋە ياغاچ رېشاتكىلار رېمونت قىلىنىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل ـ دەرەخ ۋە گۈللەر بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى؛ ئاسفالت يولدا ھەر خىل پىكاپلار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

«مەن ئاچقان تاللا بازىرىنى كۆرۈپ بېقىڭە، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆلىمى چوڭايدى، تاۋارلارنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى...» دېدى ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇن.

21 ياشلىق ئابدۇرېشىت توغراغاز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، 100دىن ئارتۇق ئۆي قۇشى باققان، كەنت ئېغىزىدا تاللا بازىرى ئاچقان بولۇپ ياش بېيىش باشلامچىسى ئىدى.

«كىچىك ۋاقتىمدا، ئۆيدىكى چوڭلاردىن دائىم قۇربان تۇلۇم بوۋىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايتتىم، يۇرتداش ۋە ياش ئەۋلاد بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېدى ئابدۇرېشىت. بۇلتۇر ئابدۇرېشىت ئاچقان تاللا بازىرى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىغا ئايلانغاندىن بۇيان ئۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«يېڭى دەۋردە ياشاۋاتىمىز، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشتىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك، مەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، يۇرتۇمنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرىمەن.» ئابدۇرېشىت كېرىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.

«كېسەك ئۆيلەر ئەمىن ئۆي، كىچىك بىنا ئۆيلەرگە ئۆزگەردى، ھەممە ئائىلە تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىدىغان بولدى، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يۇرتداشلارنىڭ ھەميېنى تومپايدى، ئوقۇش، داۋالىنىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، ئايروپىلان بىزنى پايتەخت بېيجىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى ... ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ھەسەلدىنمۇ شېرىن.» يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، رۇقىيەم مەتسەيدى ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلىدى.

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش

قۇربان تۇلۇم نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پومېشچىكلارنىڭ يەتكۈچە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان، 60 ياشتىن ئاشقاندا تۇنجى قېتىم ئۆزىگە تەۋە يەرنى تېرىپ، ئۆز تەقدىرىنى قولىغا ئالغان. جاپالىق كۈنلىرى ئاياغلىشىپ ياخشى كۈنلەرگە ئۇلاشقان ئۇ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرغان، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدا ئىشلەپ، 75 يېشىدا مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى سۈپىتىدە جۇڭنەنخەيگە كىرىپ، ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشكەن.

«باش شۇجى بىزنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قېنىمىزدا ئېقىۋاتقان گېن. بىز خۇددى بوۋىمىزغا ئوخشاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز.» قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى مەتسەيدى ئەيسا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئاكتىپ كۈچ تارقاتماقتا.

2017 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەتسەيدى بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىنىدا، ئائىلە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشقانلارنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش تەكلىپىنى بەردى.

«سۆزۈم تۈگىشىگىلا، ئانام بۇرۇلۇپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ، ئادەتتە يىغىپ قويغان 3000 يۈەننى ئېلىپ چىقىپ ماڭا بەردى.» مەتسەيدى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى، ئائىلىدىكىلەر جەمئىي 67 مىڭ يۈەن توپلىدۇق.

2017 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، «قۇربان تۇلۇم ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئائىلىۋى ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى» قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا قوزغىتىلدى، شۇ كۈنى ئىئانە قىلىنغان پۇل ئومۇمىي سانى 340 مىڭ يۈەنگە يەتتى. شۇ يىلى 6 ـ ئايدا، فوند جەمئىيىتى جۇڭخۇا بالىلار خەير ـ ساخاۋەت جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭخۇا بالىلار خەير ـ ساخاۋەت جەمئىيىتى قۇربان تۇلۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش مەخسۇس فوندى»نى تەسىس قىلىپ، نامرات بالىلارغا پاختىلىق كىيىم، كىتاب ئىئانە قىلدى، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى، دۆلەت تىلى شۆتاڭى ئاچتى... ھازىرغىچە، جەمئىي 5700دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ۋە ياش ـ ئۆسمۈر، بالىغا ياردەم بېرىلدى.

بۇ يىل 1 ـ ئايدا، مەتسەيدى شىنجاڭ خۇڭشى خەير ـ ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى قۇربان تاغا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس فوندى قۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، بىرلەشمە كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت سورۇنلىرى ھەم مەكتەپلەرنىڭ يوللىرىنى يورۇتۇش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

«مەنمۇ بوۋامغا ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، مېھىر ـ مۇھەببىتىم بىلەن ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن» دېدى مەتسەيدى.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق ۋەتەننى سۆيۈپ كۈرەش قىلىش

«ئىككى يىل ئىلگىرى، بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردۇق، ئۆيىمىزدە سافا، كىيىم ئىشكاپى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ ھەممىسى بار، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز شەھەردىكىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ» دېدى توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتتۇردى سەيدى پەخىرلەنگەن ھالدا.

پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، شۇنداقلا ئىجتىھات بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەچكە، مەتتۇردىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى ئالدىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساتىدىغان بىر دۇكان ئاچتى، پىكاپ سېتىۋالدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى.

«قۇربان تۇلۇم روھى كەنتىمىزنىڭ <تەۋەررۈكى>، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىسۇلايمان بەيدۇللا مۇنداق دېدى: «2021 ـ يىلى، توغراغاز كەنتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 11 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يولى بار بولدى − كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقى، سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈش ھەم ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىقلار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا قاراپ ئاتلانماقتا».

باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى يەنە ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەڭلەشخان مەتسىدىقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

مەڭلەشخان كېرىيە ناھىيەلىك ئاياللار كەشتىچىلىك جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شۇ جايدىكى داڭلىق كەشتىچى، ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار − ئۇ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ھېكايىلىرىنى سۆزلەيدۇ، كېرىيە ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزا ـ كەنتتە ئۇنىڭ سىيماسى قالدى.

«كىچىك ۋاقتىمدا، مەن قۇربان تاغامنى كۆرگەن. باش شۇجى جاۋاب خەت يازغاندىن كېيىن، مەن دائىم قۇربان تاغامنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەشكە قاتناشتىم. مەن يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىمەن» دېدى مەڭلەشخان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.