تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاندى

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقتى −

​يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاندى

[كۆرۈنۈشنى قايتا نامايان قىلىش] 2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، داشى كەنتىنىڭ كەنت تەلىمى − «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»نى تىلغا ئالغانىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كەنتنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داشى كەنتىگە جاۋاب خەت يازدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: داشى كەنتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلىرى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولسىلا، ھەر مىللەت ئامما بىر نىيەتتە كۈرەش قىلسىلا، يۇرتداشلارنى چوقۇم كۆڭۈللۈك، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[زىيارەت ۋە سۆھبەت جەريانىدىكى قەلب ساداسى] داشى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئويلىدى، داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى ئويلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يانچۇقىمىزنى تومپايتىپ، روھىمىزنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، داشى كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، دۇ جيەنخۇي

داشى كەنتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئورنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە، كەنتتە 500دىن ئارتۇق ئائىلە، 2000دىن ئارتۇق كىشى بار. تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئىلگىرى داشى كەنتىدە يەرنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولۇپ، ئاشلىق ئىستېمالىدا سېتىۋېلىشقا تايىنىدىغان، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا تايىنىدىغان، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىنىدىغان «ئۈچكە تايىنىدىغان كەنت» ئىدى.

پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بېيىش يولى ئېچىپ، «يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»تەك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق ھاللىق كەنت، مەدەنىي كەنت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى كەنتىگە ئايلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، داشى كەنتى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كەنتنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى تەرەققىياتتىكى ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلاندى.

يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش

باھاردىكى تۆتىنچى ئاي دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى. داشى كەنتىگە كىرگەندە، كوچىلار ئازادە، داچىلار كۆركەم ئىدى. كەسىپلەر كوچىسىدا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئۆرپ - ئادەت كوچىسىدا پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى. كېۋەزلىكلەردە تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، نەشپۈتزارلىقتىكى تېخنىكلار باغۋەنلەرنى باشلاپ بىرلىكتە ئوغۇتلاۋاتاتتى.

«2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزگە جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، يۇرتداشلار بايرام ئۆتكۈزگەندىنمۇ بەكرەك خۇشال بولۇپ كەتتى.» ئەينى يىللاردىكى مەنزىرە داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىكنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جاۋاب خەتنى ئوقۇغان ئاشۇ كۈنى، كۆپچىلىك داپ چېلىپ، مەشرەپكە چۈشۈپ كەتتى».

ساۋۇر مەڭلىك بۇ يىل 73 ياشقا كىردى. 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كەنتكە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي كەنت باشلىقى بولدى، 1980 - يىلى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، 2019 - يىلىغىچە ئىشلىدى.

«يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش» داشى كەنتى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىسى.

20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بىلەن، نۇرغۇن ئامما داشى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. ساۋۇر مەڭلىك كەنت ئاھالىلىرىگە: تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىش، بىرلىكتە كۈرەش قىلىش كېرەك، دېدى. كەنت ئاھالىلىرى پائال ئاۋاز قوشتى. بەش كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى 690 مو ئۆزلەشتۈرۈلگەن يەرنى يېڭىدىن قۇرۇلغان كەنت گۇرۇپپىسىغا ئاجرىتىپ بەردى، يەنە سەككىز ئات، 12 كالا ۋە ئىككى ئات ھارۋىسى ئاپىرىپ بەردى.

نوپۇس كۆپەيدى، بوز يەر ئېچىپ ئاشلىق تېرىشقا توغرا كەلدى. زەيكەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، داشى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىر ئاي جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تۇنجى زەيكەش ئۆستىڭىنى چاپتى. بۇ ئۆستەڭ كېيىن كۆپچىلىك تەرىپىدىن «ئىتتىپاق ئۆستىڭى» دەپ ئاتالدى.

«داشى كەنتىدىكى يۇرتداشلار مىللەت ئايرىماي، ئەمگەك ۋە تۇرمۇشتا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.» ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: «بىز ئىقتىسادنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق بىر داۋلىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك: پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، ھەر مىللەت ئامما بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندا، ئاندىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز. مانا بۇ <يانچۇقى تومپىيىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش>نىڭ مەنىسى».

يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشتۇرۇش

ئۇزاقتىن بۇيان، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، يۇرت - ماكانىنى قۇرۇپ، كەنتنىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، يۇرتداشلارنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆستەڭ چېپىپ، لاي - لاتقىلارنى تازىلاپ، شورلىشىشنى تۈزەپ، كۆچەت تىكىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى قوغداپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتتى. ئون يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 9300 مو ئېتىزلىقنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇللۇق مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇردى.

كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش − بىرىنچى قەدەم، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى بېيىتىش − نىشان. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، كېۋەز كەسپىنى پۈتۈن كەنتنىڭ تۈۋرۈك كەسپى قىلىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

«بەزى ئامما كېۋەز تېرىشقا ماھىر، بەزى ئامما كالا بېقىشقا، قوي بېقىشقا ماھىر. كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەملىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى» دېدى ساۋۇر مەڭلىك.

داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى ئورناتتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 49 پارتىيە ئەزاسى، كادىر نامرات كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە ئالاقىنى ئۈزمىدى. كېۋەز مايسىسىنى تاقلاش، غۇنچىسىنى ئۈزۈش، قوزا، موزايلارنى پەرۋىش قىلىش، تۆل ئېلىش، مېۋىلىك كۆچەتلەرنى پۇتاش، سۇغىرىشقىچە، ھەممىلا يەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىيماسىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ ياردەم قىلىش - يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

«كەنتتە زاۋۇتلار كۆپەيدى، دۇكانلار كۆپەيدى، قوي - كالىلارمۇ كۆپەيدى، پاختىدىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىندى، يەنە كۇتۇپخانا، داۋالاش ئۆيى، كۆرگەزمە سارىيى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى بار بولدى.» كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم مۇسا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كۆپچىلىكنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ئۇسۇللىرى كۆپ، كۆپچىلىك نېمىلا ئىش قىلسا غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىشلەيدۇ».

پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، داشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئۆرلىدى، مەدەنىي يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان ياشلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. 2016 - يىلى 8 - ئايدا، پارتىيە ئەزالىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە كومىتېتى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلۈپ، داشى كەنتى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە چاقىرىق كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ يېڭى مۇساپىدە يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش

2021 - يىلى، داشى كەنتىدىكى 320 دېھقان ئائىلىسى يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 1 مىليون 530 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى داشى كەنتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ ئىلھامىدا قوللانغان كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەدبىرلىرىنىڭ بىر تۈرى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى داشى كەنتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» شىڭپىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۈزەلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: 2014 - يىلى داشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەنگە، 2021 - يىلى 36 مىڭ يۈەنگە يەتتى. داشى كەنتىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى سىجىل ئېشىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىدا داشى كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتقانلىق نەتىجىسى بار.

«باش شۇجى <يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك> دەپ تەلەپ قىلدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىز گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر قولىمىزدا ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تۇتۇپ، بىر قولىمىزدا يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تۇتۇپ، بېيىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق.» گۈزەلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: داشى كەنتى بىر مەنزىرە كوچىسى، بىر نانچىلىق كەسپى كوچىسى، بىر كەچلىك بازار قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 36 دېھقانلار ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، توققۇز پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، 2000 مو نەشپۈتزارلىق بىلەن بىللە، داشى كەنتى يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تۇتاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، داشى كەنتى دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى، بۇ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

2015 - يىلى لوپنۇر ناھىيەسىگە دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى دەپ نام بېرىلدى، داشى كەنتى بۇ ناھىيەدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى قۇرۇپ، 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش بازىسى بەرپا قىلدى، شۇ يىلى ماكانلاشقان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى 100دىن ئېشىپ، داشى كەنتى ۋە ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ لوپنۇر كەندىرى، لوپنۇر قويى، قۇرۇق مېۋە - چېۋە قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلىرى توردا قىزغىن سېتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر ناھىيەسى داشى كەنتىنى باشلامچى قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدە يەنە بىر قېتىملىق يېڭى ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

داشى كەنتىنىڭ تەجرىبىلىرى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، داشى كەنتىنىڭ بۈگۈنى جەلپكارلىققا تولغان، داشى كەنتىنىڭ كەلگۈسى كىشىلەرنى ئۈمىدكە ئىگە قىلىدۇ. گۈزەلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «داشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولغان، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغان. ھازىر، داشىلىقلارنىڭ مۇنداق بىر ئورتاق تونۇشى بار: پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، داشى كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.