ئاپتورلار: دوۋ تيەنلۇڭ، تيەن كۇن
4-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى، ھال رەڭ، ئاق رەڭلىك چېچەكلەر شەپەق نۇرىغا ئوخشاپ قالغانىدى، ئېتىز قىرلىرىنى بويلاپ ماڭغاندا، چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى كەنتى مەنزىرە رايونىدا 260 مو يەردىكى ئۆرۈكلەر ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەپ، باھاردىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا بىپايان گۈل دېڭىزىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەردە باھار سەيلىسى قىلىشقا، چېچەك تاماشاسى قىلىپ، باھار پەيزىنى سۈرۈشكە جەلپ قىلدى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى : كەلپىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى