تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز

خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتتى −

ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز

[كۆرۈنۈشنى قايتا نامايان قىلىش] 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە 2000 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار توپى ۋەكىللىرى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا 14 يىل يىلتىز تارتىپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

2014 - يىلى «4 - ماي» ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇردى. خەتتە مۇنداق دېيىلدى: سىلەر دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەس غايىنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ، شارائىتى جاپالىق بولغان غەربىي قىسىم ۋە چېگرا رايونغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قايناق ھېسسىيات ۋە كۈرەشكە تولغان ھايات مۇساپىسىنى پۈتتۈڭلار. سىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇشىڭلار، سىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىڭلار كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىش، ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشى. ياخشى ئوغۇل - قىزلار يۈكسەك ئىرادىلىك بولىدۇ، ئىرادىلىكلەر كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئۆكۈنمەيدۇ. بارغانسېرى كۆپ ياشلارنىڭ سىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە خەلق ئارىسىغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى، ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىنى، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[زىيارەت ۋە سۆھبەت جەريانىدىكى قەلب ساداسى] خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە 2000 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار توپى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمى باشتىن - ئاخىر بىزنى رىغبەتلەندۈرمەكتە، بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ كۈتكىنىدەك ياشلىق ئارزۇيىمىزنى ئۇنتۇماي، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، دۇ جيەنخۇي

خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن 15 ئوقۇغۇچى چەكسىز يېشىللىققا پۈركەنگەن دۆلەت باغ - ئورمان شەھىرى − خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرى بىلەن خوشلىشىپ، قۇم - بوران چىقىپ تۇرىدىغان چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ، شۇ كەلگىنىچە 22 يىل تۇرۇپ قالدى. ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە، ئۇلار ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئاددىي - ساددا بولۇپ، ئۆكۈنمەي، ئەقىل - پاراسىتى، جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، چېگرا رايوندىكى بۇ كىچىك ناھىيە ئۈچۈن تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىگە ئايلاندى.

ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە كۈرەش قىلىشى تۈركۈم - تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلارنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇلارغا تۈرتكە بولدى. خېبېي، شەندۇڭ، سىچۇەن، خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داشۆ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن چەرچەنگە كېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ ۋېيجياڭ كۆپچىلىكنى باشلاپ كۆكەرتىش بەلبېغىغا دەرەخلەرنى كۆچۈرۈپ تىكىۋاتاتتى. بۇ مەكتەپ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، 1100 ئوقۇغۇچى بار. ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق.

«سەككىز يىل ئىلگىرى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى ئاشۇ خىل ھاياجانلىق ھېسسىياتىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز.» ۋاڭ ۋېيجياڭ 2000 - يىلى باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزۈپ چەرچەن ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 15 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ، يەنە بىزنى ئويلاپ جاۋاب خەت قايتۇردى، بۇ بىزگە غايەت زور ئىلھام بولدى، خەتتىكى ھەربىر جۈملە سۆز ھازىرغىچە قەلبىمىزدە مەھكەم ساقلانماقتا. مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يىغىنى ئېچىپ جاۋاب خەتنى ئوقۇغاندا، ھەممىمىز كۆزلىرىمىزگە ياش ئالغانىدۇق».

سەككىز يىلدىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، ناھىيە سالغان قۇرۇلۇش مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇپ، ۋاڭ ۋېيجياڭ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «2000 - يىلى بىز ئەمدىلا كەلگەندە سىنىپلار بىر قەۋەتلىك، ياتاقلارمۇ بىر قەۋەتلىك ئىدى. نۇرغۇن دېرىزىدىن شامال ئۆتۈپ تۇراتتى، كۆپچىلىك قەغەز چاپلىۋالغان بولۇپ، شامال چىقسىلا شاراقلايتتى».

«چەرچەن ناھىيەسىدە قۇم - بوران كۆپ چىقىدۇ، ھەر قېتىملىق قۇم - بوران بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنى <ئۇچۇرۇپ> كېتەتتى». شۇ چاغدىكى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليەن چۇنشى مۇنداق دېدى: شارائىت جاپالىق بولغاچقا، ئەينى چاغدا نۇرغۇن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى كەمچىل ئىدى. يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىش ئالدىدا، چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 - يىللىقتىكى يەتتە سىنىپ ئىچىدە ئالتە سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى يوق ئىدى.

ئەمدى ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايتتى. چەرچەن ناھىيەسى رەھبەرلىرى خېبېيغا بېرىپ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدى.

«ئەينى چاغدا غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ھەيۋەتلىك، ئۆزگىچە، گۈزەل شىنجاڭغا تەلپۈنەتتى.» شۇ چاغدىكى چەرچەن ناھىيەلىك كادىرلار - ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن خۇي مۇنداق دېدى: باۋدىڭ سىفەن ئالىي تېخنىكومى (باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى)دا، تەكلىپ قىلىش گۇرۇپپىسى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭلىقلارنىڭ مەردانە ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى، چەرچەنلىكلەرنىڭ قۇم - بوراندىن قورقماي، يۇرت - ماكانىنى قۇرۇش روھىنى سۆزلەپ بەردى. «200دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تىزىملاتتى، بىز ئەخلاقتىمۇ ھەم ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا 15 ئوقۇغۇچىنى تاللىدۇق».

«15 ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپىنچىسى خېبېي ئۆلكىسىدە ئالاقىلىشىپ خىزمەت تېپىپ بولغانىدى، بەزىلىرى يەنە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانىدى.» ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى خوۋ چاۋرۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ ئوقۇش پۈتكۈزگەن 15 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئىكەن. خوۋ چاۋرۇ چەرچەنگە تۇنجى قېتىم كەلگەن چاغدىكى ئەھۋالنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدۇ: «پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، يول بويى غەربكە قاراپ ماڭدۇق. ئوتتۇرا تارىم قۇملۇق تاشيولىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، ئىككى قۇر چوڭ خەت ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى: پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق. بىز 15 كىشى بۇ ئىككى قۇر خەتكە خېلى ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇردۇق».

مەكتەپكە كەلدۇق، سوقما تام، كېسەك ئۆي، كونا دەرۋازا ... لېكىن مەيدان ۋە سىنىپلار سۇ سېپىلىپ ناھايىتى پاكىز تازىلانغانىدى. دەرۋازىدىن كىرگىنىمىزدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ قارشى ئالدى. مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دېدى: يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندىلا رەتلىك تىزىلىپ، دەريا بويىغا بېرىپ چېلەك بىلەن سۇ توشۇپ كېلىپ، مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىنى سۇ سېپىپ تازىلىدى.

«شۇ چاغدا، كۆڭلۈم بىردىنلا خاتىرجەم بولدى. مەن، بۇ ئۆمرۈمنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىمەن، دەپ ئويلىدىم» دېدى خوۋ چاۋرۇ.

«بىز چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر بالىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز»

چەرچەن ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى بەك كەمچىل ئىدى. كېلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، ئۇلار دەرس مۇنبىرىگە چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتەيلەن سىنىپ مۇدىرى بولدى.

ھاۋا بەك قۇرغاق بولۇپ، چاڭ - توزان ئۇچۇپ تۇراتتى. كالپۇكى يېرىلىپ كېتىش، گېلى ئىششىپ ئاغرىش، بۇرنى قاناش... سىرتتىن كەلگەنلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەر ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى.

قۇم - بوران چىقتى. ئۇ كۈنى دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئاسمان ھېچقانداق شەپىسىز بىردىنلا قاراڭغۇلاشتى. ئىشىكنى ئاچقاندا، بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان توپا دىماققا ئۇرۇلاتتى. مەكتەپ بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئۇقتۇردى.

تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ، «خېبېيلىق ئوقۇتقۇچىلار» سەل قورقتى. 15 ئوقۇتقۇچى ئىككى - ئۈچتىن گۇرۇپپا بولۇپ، بۆلۈنۈپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ قويدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار قۇم - بوران چىقسىلا دەرس توختايدىكەن، بالىلار دەرستىن قالسا قانداق قىلىمىز؟ دەپ غەم قىلىشتى.

2002 - يىلى 15 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغاچقا، چەرچەندىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى. باش باھاردىكى بېكەتتە، بالىلار سوغۇق شامالدا ئاڭلىق ھالدا رەتكە تىزىلىپ، ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇزىتىپ قويدى. بېكەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بالىلار ئۈندىمىدى. ئەتىسى دەرس ئارىلىقىدا، بىر بالا خوۋ چاۋرۇدىن قورۇنغان ھالدا: «مۇئەللىم، سىلەر كەتمەيدىغانسىلەر؟» دەپ سورىدى. بالىلارنىڭ ئارزۇغا تولغان ھەم ياردەمگە موھتاج تەلمۈرۈشلىرىگە قاراپ خوۋ چاۋرۇنىڭ بىردىنلا ئىچى سىيرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدا بىر خىل كۈچ ئۇرغۇدى: «بىز كەتمەيمىز، سىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا ھەمراھ بولىمىز».

كۈچ بولسا، مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ. 2003 - يىلى ئۇلار تولۇقسىز 1 - يىللىقتىن تولۇقسىز 3 - يىللىققىچە يېتەكلىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھان نەتىجىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

قۇم - بوران نازۇكلۇقنى ئېلىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىنى قەيسەرلىك ئىگىلىدى. 22 يىل، 8000دىن ئارتۇق كېچە - كۈندۈز، ئۇلار تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى: ئىلمىنۇر ئەمەرجان 2019 - يىلى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىقتى؛ نۇرىمانگۈل ئىمىن مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىگە ئۆتۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۇڭزى شۆيۈەنىدە دەرس مۇنبىرىگە چىقتى؛ ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن جاڭ چۇنجيې مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندى...

«باش شۇجى خېتىدە بىزنى ماختىدى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، لېكىن بىز قىلغانلىرىمىزنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر بىلىمىز، بىز يەنە تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر بالىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز» دېدى خوۋ چاۋرۇ.

باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى تېخىمۇ كۆپ ياشنى ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن غەربىي قىسىمغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار توپى ۋەكىللىرىگە قايتۇرغان جاۋاب خېتى باۋدىڭ شۆيۈەنىدىن چەرچەن ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە بارغان ئوقۇتقۇچىلار توپىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كىشىلەرگە تونۇتۇپ، نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈركۈملىگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن غەربىي قىسىمغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى.

2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق مۇنبەت تۇپراققا قەدەم قويدى. چەرچەن ناھىيەسىدە، 2014 - يىلىدىن بۇيان باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن كەلگەن 900دىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى يىلتىز تارتىپ، مائارىپنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈردى. باۋدىڭ شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى 26گە يېتىپ، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تارقالدى.

شۈن يىنا باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ 2003 - يىللىق ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن. ئۇ ھەمساۋاق ئاكا - ئاچىلىرىنىڭ قۇملۇققا تۆھپە قوشۇش ئىش ئىزلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان چاغدا، ئۇ ئاتا - ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، «مەن شىنجاڭ چەرچەنگە بارىمەن، بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم!» دېدى.

چەرچەنگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۈچ سىنىپنى يېتەكلىدى، بىر كۈن ئىشلىسە گېلى قۇرۇپ كۆيگەندەك ئاغرىپ كېتەتتى. ئۈچ ئايدىن كېيىنكى بىر كۈنى، ئۇ بالىلارنى يېتەكلەپ تېكىست ئوقۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۈنى چىقماي قالدى. دوختۇر ئاۋاز پەردىسى يېپىلماسلىق كېسىلى دەپ دىياگنوز قويدى، بۇنىڭغا كۆپ سۆزلەش سەۋەب بولغانىدى.

كېيىن، ئۈنى چىقمايدىغان ئىش ئۇدا يۈزبەردى، لېكىن شۈن يىنا قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ئاشۇ جاپالىق كۈنلەرگە بەرداشلىق بەردى. بىر قېتىملىق دەرستە، شۈن يىنا بوغۇق ئاۋازدا ئېغىز شەكلىنى كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلۈكلەرنىڭ ئوقۇلۇشىدىن ئۈلگە كۆرسەتتى. «ئەينى چاغدا دەرسخانا ناھايىتى جىمجىت بولۇپ، بالىلار ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگەندى.» شۈن يىنا مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئىنتىزارلىققا تولغان تەلمۈرۈشلىرى سىزگە قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان نۇرغۇن كۈچ بېغىشلايدۇ.

خوۋ چاۋرۇ مۇنداق دېدى: «2021 - يىلى يېڭى دەرسلىك ئۆلچىمى يولغا قويۇلدى، بىز ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، تەجرىبە ئالماشتۇردۇق. گەرچە ياشلىقىمىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ياشلىق ئارزۇيىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈمىد قىلغانغا ئوخشاش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتىمىز».

بۈگۈنكى كۈندىكى چەرچەن ناھىيەسىدە، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، يوللار كەڭ، شەھەر - يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، چەرچەندىن ئۆتىدىغان خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا پات ئارىدا قاتناش باشلىنىدۇ. شەھەر سىرتىدىكى قۇم تىزگىنلەش بازىسىدا، قاتار - قاتار يۇلغۇنلار چەكسىز يېشىللىقنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

«ھەر تەرەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بۇ يەردىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش. ئۇلار دەل قۇملۇقتا يىلتىز تارتقان يۇلغۇن» دېدى چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.