تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چېچەك ئېچىلىشى بىلەن ئىلىغا قاراپ يول ئېلىڭ

تاغ گۈللىرى بەئەينى كۆز ئېكرانىڭىزدىن ئالدىرىماي ئۆتۈپ، ياپيېشىل يايلاققا سوزۇلۇپ كىرىدۇ

قوي، كالىلار توپ-توپ بولۇپ يايلايدۇ، پادىچى يېنىڭىزدىن ئات چاپتۇرۇپ ئۆتىدۇ

بۇ شېئىرىي تۈسكە ئىگە مەنزىرە ۋە ئوي-خىياللار قوشۇلسا

دەل ئىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەتىياز ۋە ياز پەسلى بولىدۇ

4-ئايدىن باشلاپ

نارات ئۆرۈك جىلغىسىدىكى ياۋا ئۆرۈك چېچەكلىرى

ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىللىق مۇقەددىمىسىنى ئاچىدۇ 

تاغ-دالىنى قاپلىغان كەينى-كەينىدىن ئېچىلىدىغان ئۆرۈك چېچەكلىرى

ئون نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلۇپ 

ئېگىز-پەس تاغ باغرىنى ياساندۇرۇپ

ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ 

ئارقىدىنلا

قاراجون يايلىقىدا تاغ گۈللىرىمۇ ئېچىلىدۇ

پۈتكۈل يايلاق گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ

بەس-بەستە ھۆسن تالىشىپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ

رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ ياپيېشىل چىملىققا نەقىشلىنىپ

  تاكى ئۇپۇققىچە ئاجايىپ چىرايلىق بىپايان گىلەم سېلىنغاندەك بولۇپ كېتىدۇ

ما خۇيپىڭ فوتوسى

6-ئايدا

سىز چوقۇم قورغاس ناھىيەسىگە بېرىڭ

بۇ يەرنىڭ ئەزەلدىن «جۇڭگونىڭ ئۈستىقۇددۇس ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار 

يول بويلىرىدا، ئېتىزلاردا

ھەر ۋاقىت كۆكۆش سۆسۈن ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ تۇرىسىز

7- ئايدا

چوڭقۇشتاي يايلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىغا كېلىپ سالقىندىسىڭىز

ئېگىز قارىغايلار ئاستىدا تارقاق سېلىنغان

 چىرايلىق كىچىك ياغاچ ئۆيلەر  

سىزنى تومۇز ئىسسىقتا بىر خىل راھەت ۋە سالقىن ھېس قىلدۇرىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: شياۋخۇڭشۇ@ فېيئوۋ ناشۇ

يەنە موڭغۇلكۈرە يايلىقىدىكى مىليون مولۇق

 ئالتۇن رەڭلىك قىچا گۈلى دېڭىزى

كۆك رەڭلىك دەريا بويىدىن

 ئېگىز قارلىق تاغ ئېتىكىگىچە يېيىلغان

تېكەس دەرياسى ۋادىسى

  پۈتۈنلەي دېگۈدەك «ئالتۇن رەڭلىك يۆگىمە رەسىم»گە ئايلىنىدۇ

8-ئاي

 يايلاقتا ئات چاپتۇرۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ

ئىلىدىكى نۇرغۇن يايلاقنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ

ھەممىسىنىڭ مەنزىرىسى تەبىئىي گۈزەل، ھاۋاسى يېقىشلىق

 ئات ئۈستىدە يايلاق كەزسىڭىز بولىدۇ

ھېرىپ كەتكەندە يەنە چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيىگە بېرىپ بىر قاچا ئەتكەنچاي ئىچسىڭىز بولىدۇ

ئەركىن، ھۇزۇرلۇق 

يەنە شوتا قەدىمىي يولىدا پىيادە ماڭسىڭىز بولىدۇ

100 نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىدە

مۇزلۇق تىك يار، ئورمانلىق دەريا-ئېقىنلىرى، ئېگىز تاغ چىملىقى، ئارشاڭ جىلغىلار

يەنە تاش قۇرۇلمىلىق قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ

ئەتىيازدىن يازغىچە چىرايلىقلا تۇرىدىغان ئىلىنى

 ئۆزگىرىشچان «گۈزەللىك ھۆكۈمرانى» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ

سىز يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسىز؟

چېچەك ئېچىلىشى بىلەن

 ئىلىغا قاراپ يول ئېلىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.