تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كاككۇك تېرىلغۇغا ئالدىراتماقتا، ئارىسالدى بولماسلىق كېرەك

□شۈ چىڭگۇاڭ

باھار شامىلى زېمىننى كۆكەرتتى، كاككۇك تېرىلغۇغا ئالدىراتماقتا. يەر ـ جاھاننىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان يۆگىمە رەسىم تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تەرتىپلىك يېيىلماقتا.

ئۇرۇق يەرگە سېلىنغاندىلا، ئاندىن ئالتۇن رەڭ مول ھوسۇلغا ئايلىنالايدۇ. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۇنجى جەڭ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئاندىن پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىگە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭ ئاشلىقىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دا ئۇرۇق سېلىنىپ بولغان كۆلەم 5 مىليون 55 مىڭ مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 501 مىڭ 900 مو كۆپەيگەن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تېز بولغان بولۇپ، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا پۇختا ئاساس سېلىنغان. تېرىقچىلىق مەزگىلىدىكى پەيت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۇيۇل تاشتەك چىڭ، تەيشەن تېغىدەك مۇستەھكەم قىلغىلى بولىدۇ.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇشتا «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق مەدەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن يېزا ئىگىلىكى پەن ـ تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىشكىچە، ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ «يېنىك جابدۇنغان ئاتلىق ئەسكەر»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقىچە، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش، مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشكىچە، دېھقانلار ئويلىغاننى ئويلاپ، دېھقانلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىر ھالقىنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلار تەشەببۇسكار بولۇش، ھۆكۈمەت يۆلەش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

پەسىل ساقلاپ تۇرمايدۇ، باھار ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. ھەرقايسى جايلار ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىگەندىلا، چوقۇم «جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى»نى ئۇسقىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.