تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولىمىز

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شاخەي يېڭى ئەسكەرلىرى ياشلىق باھارى ئارقىلىق داۋاملىق شان - شەرەپ پۈتتى −

شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولىمىز

□ مۇھەررىردىن

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. باش شۇجى كۆپ قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى ھەم 2014 - يىلى 4 - ئايدا شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى... باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە غەيرەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «ئىز» ئىستونىنى ئاچتى، بىز بىرلىكتە باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ، غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەيلى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا نامايان قىلىش] 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 12 - ئايدا، 14 - شىنىڭ 47 - تۇەنىدىكى توققۇز پېشقەدەم جەڭچى ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى بايان قىلىپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەت پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى نامايان قىلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم...... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ!»

[زىيارەت ۋە سۆھبەت جەريانىدىكى قەلب ساداسى] شاخەي يېڭى ئەسكەرلىرى: بىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، تىرىشىپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولىمىز.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، لى ياڭ

بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي ياقىسىدا، چېگرا ئېغىزىدا يىلتىز تارتقان، ئۆكۈنمەي چىڭ تۇرۇۋاتقان بىر توپ پېشقەدەم ئەسكەرلەر بار. ئۇلار «شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - شى 47 - تۇەنىدىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى پېشقەدەم جەڭچىلەر. 73 يىل ئىلگىرى، «شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى» ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، خوتەنگە كىرىپ ئورۇنلاشتى. كېيىن، ئۇلار قىلىچنى ساپان قىلىپ، قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ، بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بىنا قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، سادىق بولۇش، چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى تاۋلاپ چىقتى.

پېشقەدەم ئەسكەرلەر ياشناپ تۇرىدۇ، روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. باش شۇجىنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ خىل پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى سانسىزلىغان بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىرادىلىك كىشىلەرنى ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، بىپايان قۇملۇقتا ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. تېخىمۇ كۆپ «شاخەي يېڭى ئەسكەرلىرى» ھەرىكىتى ئارقىلىق پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەتلىك قىياپەتتە، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەش قەيسەرلىكى بىلەن، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرماقتا.

باش شۇجىغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بىڭتۇەن 14 - شى 47 - تۇەن 5 - ليەنىنىڭ ھەممە يېرى يېشىللىق ۋە ئۈمىدكە تولغانىدى. دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولغاچقا، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى ۋاڭ شياۋدۇڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش - رېمونت قىلىشنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.

«ئىلگىرى ئاتىلىرىمىز بوز يەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلىشتا ئادەم كۈچىگە تايىناتتى، كەتمەن، ئەپكەش ۋە چىغ سېۋەت ئەڭ ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ئىدى، ھازىر چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتور بىلەن تېرىقچىلىق قىلىمىز، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن پاختا يىغىمىز، GPS ئورۇن بەلگىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىقلار ئاللىقاچان يېڭىلىق تۇيۇلمايدىغان بولدى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزگىرىشنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ!» دېدى ۋاڭ شياۋدۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

ۋاڭ شياۋدۇڭنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ۋاڭ شۆشيۇ «شاخەي پېشقەدەم ئەسكىرى» ئىدى. شۇ قالغىنىچە، بىر ئۆمۈر قېپقالدى! پېشقەدەم ئەسكەرلەر شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ھاياتىنى ئۈن - تىنسىز بېغىشلىدى.

«سىلەرنىڭمۇ كۆڭۈل توختىتىپ بۇ يەردە قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» ۋاڭ شۆشيۇ ئىلگىرى ئەۋلادلىرىغا مۇشۇنداق تاپىلىغانىدى.

يىلتىز تارتىپلا قالماي، يەنە كۆڭۈلنى توختىتىپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. 2018 - يىلى 2 - ئايدا، ۋاڭ شياۋدۇڭ 5 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى بولۇپ سايلاندى. ئۇ «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرى بىلەن شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى + دېھقان ئائىلىلىرى + «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ليەندۈيدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ھەممىسى پاي قوشتى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى موزايلار بورداپ سېتىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 180 مىڭ يۈەن بولدى.

2021 - يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 800 مىڭ يۈەنگە، ليەندۈينىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 2021 - يىلى 2 - ئايدا، ۋاڭ شياۋدۇڭ «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندىكى 47 - تۇەن ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، يوللىرى كەڭ، ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن بوستانلىققا ئايلاندى. سانائەت باغچە رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، گىلەم زاۋۇتى، قەغەز يەشىك زاۋۇتى، ئېكولوگىيەلىك تاختا زاۋۇتى، بىيوماسسا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، ماي قاچىلاش - گاز قاچىلاش پونكىتى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر تەسىراتلىرى مېھمانسارىيى قاتارلىق تۈرلەردە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى.

47 - تۇەندىكى ئۆزگىرىشلەر دەل بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات - تەرەققىيات يۆگىمە رەسىمىدىكى بىر جانلىق سىزما. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرىلىدى، زور بىر تۈركۈم كەسىپلەر كۈچلۈك توپلاندى، تۈزۈملەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى بارغانسېرى ئاشتى...

«بىز ھەممىمىز باش شۇجىغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا يەنە كېلىشىگە، بىڭتۇەنگە يەنە كېلىشىگە تەقەززامىز، باش شۇجى بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كۆرۈپ باقسىكەن دەيمىز!» دېدى ۋاڭ شياۋدۇڭ.

مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىمىز

«خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، دەل جايىدا ئىشلەپ، پۇقرالار ئۈچۈن چىن قەلبىمىز بىلەن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرسەكلا، ئاندىن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز» دېدى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 47 - تۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى داڭ فاڭ.

2009 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داڭ فاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، گەنسۇدىن شىنجاڭغا كېلىپ، بىڭتۇەن 14 - شىسىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىغا ئايلاندى.

خىزمەت سەۋەبىدىن، داڭ فاڭ كۆپ قېتىم 47 - تۇەنگە كەلدى. بۇ يەر قۇملۇقنىڭ ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى قۇرغاق، ھەر يىلى قۇم - بورانلىق، چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى 200 نەچچە كۈنگە يەتكەچكە، داڭ فاڭنىڭ بۇرنى دائىم قانايتتى.

«ئاۋات چوڭ شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يەر ھەقىقەتەن جاپالىق، لېكىن دەل شۇنداق بولغاچقا، خۇددى ئەينى يىللىرى بۇ يەر پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشقا ئاتلىنىشىغا موھتاج بولغىنىدەك ماڭىمۇ موھتاج. پېشقەدەم ئەسكەرلەر يىلتىز تارتالىغان يەردە، بىز نېمىشقا يىلتىز تارتالمايمىز!» داڭ فاڭ پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ھەربىر قېتىم ئاڭلىغىنىدا، قەلبىدە ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنەتتى.

2011 - يىلى 7 - ئايدا، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ مۇددىتى ئاخىرلاشقاندا داڭ فاڭ 47 - تۇەندە قېلىشنى تاللىدى. داڭ فاڭ ئىلگىرى 2 - ليەندە ئۈچ يىل پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، خىزمەت داۋامىدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن.

خىزمەتچى جاۋ چۈەنلىنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇش سەۋەبىدىن، بالىسىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىگەندە، داڭ فاڭ خوتۇنى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان يىغىپ يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشقا ئىشلەتمەكچى بولغان 40 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ خىزمەتچى مەمەت مەخسۇتنىڭ ئوغلى ئوقۇشقا قىزىقماي، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ئۇ كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بالىغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى، ئاخىرى بالا دەرسخانىغا قايتىپ كەلدى؛ ئۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى...

بۈگۈنكى كۈندە، ليەندۈينىڭ مۇھىتى بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى گۈل - چېچەككە تولۇپ يېشىللىققا پۈركەندى، ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىنى قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋىنىڭ خۇش ھىدى قاپلىدى، مەدەنىيەت مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئامما پۈتۈن كۈچى بىلەن بېيىش يولىغا ئاتلاندى.

«چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، مەن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم» دېدى داڭ فاڭ.

داڭ فاڭغا ئوخشاش پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 47 - تۇەنگە كەلدى، ھازىر غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسىدىن 37سى بۇ يەردە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇلار بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلدى؛ ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا، ئۇلار ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى؛ ئۇلار مەھەللىدىكى ياش پىدائىيلار، ئورگان كادىرلىرى بىلەن «شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ياردەمگە موھتاج كىشىلەر توپىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاممىغا پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى...

«بىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، تىرىشىپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بولىمىز» دېدى داڭ فاڭ.

يېڭى كۈرەش ئارقىلىق پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز

«مەن 47 - تۇەندىن.» باش شۇجىغا خەت يازغان توققۇز پېشقەدەم جەڭچىنىڭ بىرى، بۇ يىل 95 ياشقا كىرگەن ياڭ شىفۇ ھېلىھەم ئۆزىنى مۇشۇنداق تونۇشتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. تالاي كېچىلەردە ئۇ ھەمىشە ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا قايتىپ چۈش كۆرىدۇ.

خوتەن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىر بۆلەك قۇملۇق تاشيولىدىن ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن 47 - تۇەنگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەينى يىللىرى ياڭ شىفۇ ۋە سەپداشلىرى قۇملۇقتىن مېڭىپ چىققان جايدا ھازىر قىزىل مەنزىرە نۇقتىسى بولغان «پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆتىڭى» سېلىنغان بولۇپ، كىشىلەرنى پېشقەدەم ئەسكەرلەر ماڭغان يولدا قايتا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى مەلۇم قىسمىنىڭ ئوفېتسىر - ئەسكەرلىرى بۇ يەردە «شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى يولىدا قايتا مېڭىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى. «ئەجدادلىرىمىز باشتىن كەچۈرگەن جاپا - مۇشەققەتلەرنى بىز ھازىر تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمىز. ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش يېڭى كۈرەش ئارقىلىق يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشتۇر» دېدى جىداۋيۈەن ۋاڭ شياۋۋېي ھاياجانلانغان ھالدا.

پېشقەدەم ئەسكەرلەر كەنتى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر يولى، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى... 47 - تۇەن خاتىرە سارىيى، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆتىڭى قاتارلىقلار يادرو قىلىنغان قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ يەرگە كېلىپ تارىخنى قايتا ئەسلەشكە جەلپ قىلدى. رەت - رەت ھەربىي گازارمىلاردىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قاتار - قاتار چىراغ ساندۇقلىرىدا «پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ» دېگەن ئالتە خەت چاقناپ تۇراتتى. 47 - تۇەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر بازىرى دەيدىغان يەنە بىر جاراڭلىق نامغا ئىگە بولدى. بىڭتۇەن 14 - شىسى تەشۋىقات تارماقلىرى يەنە شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ھېكايىلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ، نۇرغۇن كىتاب نەشر قىلدى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو ئىشلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «بىڭتۇەن · شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلەر بايرىمى» شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ساياھەت داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. پېشقەدەم ئەسكەرلەر كەنتى پۇقراۋى قونالغۇسى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر كەچلىك بازىرى، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلار ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى مەنىۋى كوردىنات بولۇپلا قالماي، يەنە چاقناپ تۇرغان نام كارتىسىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.