تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، سانجى شەھىرىدىكى يېپىق ھالەتتە تىزگىنلىنىۋاتقان ئاھالىلەر رايونى، سانجى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى، سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز يېپىق ھالەتتە تىزگىنلىنىۋاتقان ئاھالىلەر رايونىنىڭ بىرى بولغان رۇنيۈەن ئولتۇراق رايونىغا كېلىپ، خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىپ تەكشۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىدە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ سانجى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئامبىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، باشقۇرۇش، تەمىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى؛ سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، ئىنچىكە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك؛ يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش رايونى، باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش رايونى، ئالدىنى ئېلىش رايونىنى دەل جايىدا ئايرىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنى تېز، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق قاپلاش، چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنى دائىرىدە تىزگىنلەش كېرەك؛ يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى تەڭشەپ تەقسىملەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىپ، تۈرلۈك ھادىسە ۋە ئاپەت يۈزبېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. دىققەتنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «ئاشلىق»، «كۆك ـ تاق»نى قەتئىي ياخشى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردا شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەش ئەسلىھە ـ ئۈسكۈنىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا، تۇرمۇشقا، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۇ بايلىقى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، تۈگۈن قۇرۇلۇشى، سۇ باشلاش، سۇ يۆتكەش، دەريا ئېقىنىنى تۈزەش ۋە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونى قاتارلىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى «كارىز» سۇ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىقنىڭ رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.