شىنجاڭ ساۋەن شەھىرىدىكى كېۋەز تېرىلىدىغان ئېتىزدا دېھقانلار تىراكتور بىلەن يەر ئاغدۇرماقتا. (4-ئاينىڭ 2-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى ئېتىزلاردا دېھقانلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەشغۇلاتىنى باشلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ 2022-يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ جابدۇق، مەشغۇلات، پەن - تېخنىكا، بىخەتەرلىك ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قۇۋۋىتىنى 24 مىليون 900 مىڭ كىلوۋات ئەتراپىدا تۇراقلاشتۇرۇشقا، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى %85.7كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى