3-ئاينىڭ 31-كۈنى، سۇ قۇشلىرى جىمىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
جاڭ يۈن فوتوسى
ئانار بۇلۇت خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى نېفىتنى يېشىل ئېچىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل چارلاپ تەكشۈرۈش، يېشىل بۇرغىلاش قاتارلىق يېڭى ھۈنەر-سەنئەت ۋە تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، مەشغۇلاتنىڭ مۇھىتقا بولغان يامان تەسىرىنى ئازايتتى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، سۇ قۇشلىرى نېفىتلىكتە ماكانلىشىشتەك ياخشى ئېكېلوگىيە مەنزىرىسى ھاسىل بولدى.