تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك

4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا سۇلۇق يەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە.

□ شىن زۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دەريا-ئېقىن، كۆل، ئورمان، سۇلۇق يەر، ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلار ماكانلاشقان ئورۇن، شەھەر باغچىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىگە ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش، تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئىككى كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ما شىڭرۇي ئايرىم-ئايرىم ھالدا سايرام كۆلى، ئېبنۇر كۆلى، بورتالا دەريا ۋادىسى ئورمىنى، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلارنى قوغداش رايونى ۋە سوغۇق سۇ بېلىقى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى، بورتالا شەھىرىدىكى 10 مىڭ مو ئېكولوگىيەلىك تاشئالما باغچىسىغا كېلىپ، دەريا-ئېقىنلارنىڭ سۇ مىقدارى، سۇ سۈپىتى، كۆل رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، ئەتىۋارلىق ھايۋانات تۈرلىرىنى قوغداش، ئورمان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاپلىنىشى، سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىش، سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، يىل بويى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، ئىلمىي تەتقىقات، سۇ رايىنى تەكشۈرۈش، مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر مىللەت ئالىم، خىزمەتچى، باشقۇرۇش-قوغداش خادىمى، تېخنىك، پىدائىيلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلەپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى ھەم كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نەرسە يوق، پايدىلانغاندا ھېس قىلالمايمىز، يوقىتىپ قويغاندا ياشىشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشىمىز كېرەك. دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالدىن ئويلىشىدىغان ۋەزىپە قىلىپ، سۇ بايلىقى قاتتىق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەريا، كۆل سۇ بايلىقىنى قاتتىق قوغداپ، دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈگۈن قۇرۇلۇشى، سۇ باشلاش، سۇ يۆتكەش، دەريا-ئېقىنلارنى تۈزەش ۋە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونى قاتارلىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرنى تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەممىسىنى دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرىكىپ مۇستەھكەم بىر گەۋدىگە ئايلانغان، ئىناق بىرلىككە كەلگەن مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.