تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار «ئالەم بوشلۇقى ئوقۇتقۇچىسى» بىلەن بىرلىكتە بوشلۇق ھالقىپ تەجرىبە ئىشلىدى

«تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نىڭ 2 - سائەتلىك دەرسى باشلاندى​

شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار «ئالەم بوشلۇقى ئوقۇتقۇچىسى» بىلەن بىرلىكتە بوشلۇق ھالقىپ تەجرىبە ئىشلىدى

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى» ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، ياۋ گاڭ، شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 15 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نىڭ 2 - سائەتلىك دەرسى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا باشلاندى، شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ ئۆزئارا ماسلىشىپ دەرس سۆزلىدى. بۇ قېتىم ئۆتۈلگەن دەرس پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشى، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ۋەتەن شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى.

بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىدە جۇڭگو پەن - تېخنىكا سارىيىدا يەر يۈزى ئاساسىي دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى، شىزاڭ لاسا، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئىككى يەر يۈزى شۆبە دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى. شىنجاڭدىكى يەر يۈزى شۆبە دەرسخانىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70 - ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىندى. دەرس ئۆتۈش مەزگىلىدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىنلىق سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق يەر يۈزى دەرسخانىسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەمەلىي ۋاقىتتا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چۈ مىڭسەي مۇنداق دېدى: بىر سائەتكە يېقىن بىۋاسىتە تارقىتىش بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، بۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.

بىۋاسىتە تارقىتىش نەق مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار بىۋاسىتە تارقىتىشنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆردى، ئارىلاپ ئالقىش ياڭراتتى. «يەر يۈزى تەجرىبىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ماڭا ئىلىم - پەننىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى، بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدىم» دېدى بۇ مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى سانىيە جارقىن ھاياجانلانغان ھالدا.

سانىيە بىلەن ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە بولغانلاردىن يەنە كورلا شەھەرلىك 10 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈن جياخۇيمۇ بار. كورلا پەن - تېخنىكا سارىيىدا، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سۈن جياخۇي پەن - تېخنىكا يېتەكچىسىگە ئۆزىنىڭ «ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىق يوقالغان مۇھىتتا بېسىم كىچىكلەيدۇ، لەيلىتىش كۈچىمۇ كىچىكلەمدۇ؟» دېگەن گۇمانىي سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كورلا شەھەرلىك 10 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەن - تېخنىكا يېتەكچىسى گو چىڭلۇڭ مۇنداق دېدى: «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى» قىزىقارلىق، جانلىق تەجرىبىلەر ئارقىلىق بالىلارغا فىزىكا بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى، مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، مەكتەپ دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتتىن يەنىمۇ پايدىلىنىپ، بالىلارنى يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆزىتىش، ئاۋىياتسىيە مودېلى ياساش قاتارلىق قىزىقىش سىنىپى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بالىلارنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ.

بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئالەم بوشلۇقى ئوقۇتقۇچىسى» بىلەن بىرلىكتە بوشلۇق ھالقىپ تەجرىبە ئىشلەپ، ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ پەرقىدىن ئالەمنىڭ سىرلىرىنى بىلىپ، ئىزدىنىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

«سۇنىڭ زىچلىقى ياغنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، يەر يۈزىدە ئىككى خىل سۇيۇقلۇقنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ياغ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ، قەۋەتلەرگە مۇقىم بۆلۈنۈش ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.» بورتالا شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دۇڭ بىسەي ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئالەم بوشلۇقىدا تەجرىبە ئىشلىگەندە، ئېغىرلىق يوقالغان مۇھىتتا سۇ بىلەن ياغنى تەبىئىي ئايرىغىلى بولمايدۇ، لېكىن مەركەزدىن قېچىش رولىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئايرىۋەتكىلى بولىدۇ.

«تيەنخې بۆلمىسىنىڭ تەجرىبە ئىشكاپىدا بىر مەركەزدىن قاچما ماشىنا بار. ئادەتتە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قان ئەۋرىشكىسى، سۈيدۈك ئەۋرىشكىسى قاتارلىق تېببىي ئەۋرىشكىلەرنى ئايرىش ۋە تەييارلاش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.» دۇڭ بىسەي ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى دەل ۋاقتىدا تولۇقلاپ سۆزلەپ بەردى.

ئوقۇغۇچىلار ئۆچۈرگۈچ، تىكتاك توپنى يۇقىرى بوشلۇقتىن تاشلاش تەجرىبىسى ئىشلىدى، نەتىجىدە ئۆچۈرگۈچ، تىكتاك توپنىڭ ھەممىسى يەرگە چۈشتى؛ لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش تەجرىبىسىدە، بىڭدۈندۈن يۇقىرى بوشلۇقتىن تاشلانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئەسلىدىكى يۆنىلىشنى بويلاپ تەكشى سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ساۋاقداشلار ھەيران قېلىشتى.

تەخمىنەن 45 مىنۇت ئۆتۈلگەن دەرس ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جيائاۋغا تولىمۇ قىسقا تۇيۇلدى. «<تيەنگۇڭ دەرسخانىسى>دا تېخىمۇ كۆپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى ۋاڭ جيائاۋ.

«ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش بالىلارنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، بۇ خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بالىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ» دېدى چۈ مىڭسەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.