تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەرەققىيات تومۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك سوقماقتا

​− يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (4)

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيە سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونى سىلانېتس مېيى قۇدۇقى رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۇدا نېفىت تۇرۇبىسى مەشغۇلاتى ۋە بېسىم ئارقىلىق يېرىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقتا. بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، شۇنداقلا شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بايقىغان 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك ئىككى چوڭ نېفىتلىكنىڭ بىرى. □ جاڭ يۈن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

3 - ئايدىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 11 مەركەز كارخانىسى بىلەن تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 4467 مۇھىم، زور تۈرىدە مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلدى، ئىش باشلاندى... تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلەر پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلەرنى تۇتۇش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى مەزمۇت بولۇپ، كىشىنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە.

خەلقنىڭ ئۈمىدى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى قىلىندى. خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئۈمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئومۇمىي مىقدار زورايدى، نەتىجە كۆزنى چاقنىتىپ، كىشىنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. ئاپتونوم رايون يۇقىرى قاتلامدىن تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ماس قەدەمدە كۈچەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «ئىللىق باھار»ىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ يىل 1 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %22.9 ۋە %19.6 ئاشقان؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 3 - ئايدىكى توك مىقدارى بىۋاسىتە سودىسىدا، جەمئىي پۈتۈشكەن توك مىقدارى 3 مىليارد 780 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.8 ئاشقان، شىنجاڭ ئىچىدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بىۋاسىتە سودىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ جانلانغان؛ 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 33 مىليارد 40 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.4 ئاشقان، ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئېشىش سۈرئىتىدە بىردەك تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.9 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلتۇرقى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %15لىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان.

بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كۈچەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. ساياھەتچىلىك مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت كوچىسى، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

خۇددى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دۆلەت خەزىنىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بەي دۇڭدۇڭ ئېيتقاندەك: «ئادەتتىكى خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىشى زور ھەجىمدە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئالدىنقى شەرتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغانلىقى ھەم داۋاملىق ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

ئاساس كۈچەيتىلىپ ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى، ئاساس مۇستەھكەملىنىپ خاسلىق يېتەرلىك بولدى

كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى توغرا تاپقاندىلا ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىغىلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا نىشانلىق ئوق ئاتقىلى بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق زاپىسى مول، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بايلىقنى ئېچىش ۋە ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش دەل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدى. ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق كەسىپ، تۈر، كارخانىلارنى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقلاردىن ئارقا - ئارقىدىن خۇش خەۋەرلەر تارقالدى. 1 - ئايدا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 3 مىليون 140 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ، پىلاندىكىدىن 100 مىڭ توننا ئاشتى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 130 مىڭ توننا ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى كېمىيىش نىسبىتىنى تىزگىنلەش ۋە نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، 1 - ئايدا جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ 100 توننا خام نېفىت، 343 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 48 مىڭ 500 توننا، 61 مىليون كۇب مېتىر ئاشتى.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىردەمدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمايىل مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق بايلىق، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاسلىققا ئىگە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللارنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىدىغان، زەنجىرنى تولۇقلايدىغان، زەنجىرنى كېڭەيتىدىغان، زەنجىرنى كۈچەيتىدىغان تۈرلەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل مۇقىم ئېشىشىنىڭ پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىلدى

دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شۇنداقلا يەنە ئۇل ئەسلىھە ئارقىدا قېلىشتىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە. ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇقەررەر ھالدا ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

بۇنداق ئېگىزلىككە چىقىش ئۈچۈن ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈشكە، شۇنداقلا قەدەمنى پۇختا بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، سۇچىلىق ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى. «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانى چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك چوڭ يولى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، تارماق لىنىيەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پۈتۈن تورلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئاۋىياتسىيە تورى تىرانسپورت سىستېمىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، تۆمۈريول بارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %80تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى قاپلىدى، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش يولىنىڭ رولى كۈنسايىن گەۋدىلەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى پۇختىلاندى ھەم زاپاس كۈچى كۈچەيتىلدى.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئارتۇقچىلىقلار تاۋلاندى. ئاپتونوم رايونىمىز ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بىر يول راۋان بولسا، ھەممە يول راۋانلىشىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. 1 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيول تورىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتنىشىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 974 مىڭ 400 ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى، يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشتى، يۈك پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تىرانسپورت مۇلازىمىتى «ھاۋا يىپەك يولى»نى تېخىمۇ راۋان، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھاتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇردى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 255نى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 110 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقى تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلايدۇ.

تاغ - دەريالار ئۆزگەرمىدى، شىنجاڭ تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە! ھازىر، شىنجاڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كېڭەيتتى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. باھار كەلدى، تىرىشچانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ. ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاشقا چاقىرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.