ئاپتورلار: نۇرمانباي جېتپىسباي، جاۋ شۆليەن
قىش كېتىپ باھار كەلدى، يەنە يىلدا بىر كېلىدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدە كۆچىدىغان پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. يىراقتىن قارىغاندا، توپ-توپ ياۋا غازلار دالىدا ئويناپ ئوزۇق ئىزدىمەكتە، مەيىن شامالغا ئەگىشىپ ئۇياق-بۇياققا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ئۈچۇپ يۈرگەن قۇشلار بىلەن گۈزەل ئېكولوگىيە كارتىنىسى ھاسىل قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىدى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تېخىمۇ كۆپ پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەردە ماكانلىشىپ كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى