تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى پەن تەتقىقات، تېخنىكا ئېچىش قاتارلىق پەن - تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزەش تەلىپى: ئېتىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، سەزگۈرلۈك بىلەن تۈزەش، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ھاياتلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى ساقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پەن - تېخنىكا تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەش تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىدىكى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى مېخانىزملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەشۋىقاتىنى ياخشى تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.