3-ئاينىڭ 18-كۈنى جىمىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى دوختۇرخانا رايونى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزى ھەم داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئاساسىي قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلماقتا. بۇ تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 143 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ، يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلىدۇ.
خې لۇڭ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى