تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھاردا، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كاتتا مەرىكىسىنى باشلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

باھار ئۈمىدنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، باھارغا ئارزۇ يۈكلەنگەن. 3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدىكى مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىش باشلىنىپ، يولۋاس يىلىدا ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

دىققەتنى تۈرگە مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈش! ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ، يېتىشىۋېلىپ، ئېشىپ كېتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش! پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈچ دەرىجىلىك 4467 مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئىش باشلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ زور تەرەققىي قىلىش باھارىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكىدەك بىر كۈچلۈك سىگنال يەتكۈزۈلدى.

تۈر قۇرۇلۇشى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

قاردىن كېيىنكى تىيانشان تېغى كۈمۈش لىباسقا ئورانغان بولۇپ، تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا؛ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا 4000 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش خادىمى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كىرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا؛ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، G3018 لىنىيەسىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا 3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سائەت نۆلدە قاتناش باشلاندى ... ئەتىيازنىڭ سوغۇقىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

تۈر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاخىرقى ھېسابتا تۈر قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىنىدۇ، كىمنىڭ تۈرى ياخشى، تۈرى كۆپ بولسا، شۇنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، تەرەققىيات سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.

«سېلىنما ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى سۆرەيدىغان <ئۈچ ئاتلىق ھارۋا>دىكى بىر ئات بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ، تۈر قۇرۇلۇشى بولسا ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچ.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە ئاز بولمىغان كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت، پەقەت ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان بۇ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۈك ھالدا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

بۇ يىللىق شىنجاڭ ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ «مۇقەددىمىسى»نى ياخشى باشلاش ئۈچۈن، بۇلتۇر 12 ـ ئايدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش بويىچە «قىش پەسىللىك ئاساس سېلىش ھەرىكىتى»نى باشلاپ، «سىياسەت ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش»نى چۆرىدەپ، سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلدى، پىكىر يوللىرىنى كېڭەيتتى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەۋقەنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە قويۇپ، دىققەتنى سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ھالقىما ئالغا سىلجىتتى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتى ھازىرلانسىلا، مەيلى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان كەسىپلەر باغچە رايونىدا بولسۇن، ياكى مۇنارسىمان كىران قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈر ئىش ئورۇنلىرىدا بولسۇن، ياكى ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇرغان سېخلاردا بولسۇن، ھەممىلا جايدا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن دەۋر ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش تېخىمۇ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىخېيشەن كەسىپلەر باغچىسىدا، 1 مىليارد 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شيېشىن شىركىتىنىڭ يىلىغا 18 مىڭ توننا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 720 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

شىنجاڭ دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ بازا، بىر يول»، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى ئېنېرگىيە يادرولۇق رايونى ۋە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى مۇھىم بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. شۇ كۈنى، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدىكى كىرېمنىي ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ھەم كۆمۈر ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىرىغا چېتىلىدىغان 11 تۈردە ئىش باشلاندى.

«بۇ تۈرلەر شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ مول كۆمۈر بايلىقىغا تولۇق تايىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ» دېدى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چاۋ.

بىر مۇھىم، زور تۈر ئىقتىسادنىڭ بىر يېڭى ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر يېڭى ئېشىش قۇتۇبىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، تەرەققىياتنىڭ تىرەك بولۇش كۈچى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

«ئاپتونوم رايونىمىز سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە <تۇراقلاشتۇرغۇچ> بولۇشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق مۇھىم، زور كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى <تۈرتكۈچ>لۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق كەسىپ تۈرىدىن 118 نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 909 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا كەسىپ سېلىنمىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %40كە يېتىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى» دېدى جاڭ يۇڭلياڭ.

ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇدىن ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىتقىچە، تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل مۇقىم ئېشىشىنى يېڭى قان، يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېڭى تىرەش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسىغا ئىگە قىلماقتا.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشەنچنى ئاشۇردى

1 ـ پەسىلدىكى مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىزىملىكىگە نەزەر سالساق، «مىقدارى زور بولۇش، تىرەكلىك رولى كۈچلۈك بولۇش، كەسىپلەرنىڭ باغلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى كۈچلۈك بولۇش» قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك سىگنالى نامايان قىلىندى.

1 ـ پەسىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مۇنبەت تۇپراق بولدى. جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ئىش باشلايدىغان تۈر 2458 بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمدىن ئېشىپ %55كە يەتتى؛ شەرقىي شىنجاڭدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ئىش باشلايدىغان تۈر 872؛ شىمالىي شىنجاڭدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ئىش باشلايدىغان تۈر 1137 بولۇپ، تۈرلەرنىڭ رايونلارغا تارقىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى.

ئەستايىدىل كىشىلەر شۇنى ئاسان بايقىيالايدۇكى، بۇ قېتىم ئىش باشلىغان، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن نۇرغۇن تۈرنىڭ ھەممىسىدە سانائەتنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نىشان قىلىنغان. ھەرقايسى جايلار ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئۇلىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتكەن.

1 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون ئىش باشلىغان، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىق كەسىپ تۈرى 1372 بولۇپ، جەمئىي 737 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

يېڭى ئېنېرگىيە، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» تۈرلەر كۆپىيىپ 2215كە يەتكەن، بىر تۈركۈم يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشلار، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش، قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلانغان.

ھەربىر تۈر شىنجاڭنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى سىزىپ بەردى. لېكىن بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ تۈرنى قەغەزدىن ئېلىپ قولدا تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

«بىز مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئەندىزە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ <ئالتە مۇھىم> تىزىملىكىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈردىكى قەرز مەبلىغى ۋە 566 مىليارد يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلىغىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرگە يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىتنى باھالاش قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى سىستېمىلىق ياخشى پىلانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقلارنى توپلاپ، سىياسەتنى توپلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە <N+1>خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، <ئون چوڭ مېخانىزم>نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۈيرەن.

بۇ باھاردا، يەنە بىر قاتار ئىشلار كىشىنى ھاياجانغا سالدى: ھەرقايسى جايلار تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى بەس ـ بەستە ئوتتۇرىغا چىقاردى، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار بەس ـ بەستە كېلىپ تەكشۈرۈپ مەبلەغ سالدى، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى زور دەرىجىدە ئاشتى... بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر شىنجاڭنىڭ ئەتىسىگە قارىتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.

بىزمۇ شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇقكى، شەكىللىك ئۆزگىرىش قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشتە ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر، يول تېخىمۇ يىراق بولۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتا، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى تۈپتىن تۈگىتىش ئۈچۈن يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، باھار كەلدى، كەلگۈسىمىز پارلاق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولىدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.