تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى سىنلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قايتا سەپەرۋەر قىلىنىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ كۆلەملىك قايتا كۆرۈلۈشى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى تولۇق تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسى، «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش» ئومۇمىي فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي توسۇپ، قاراشلىق جاي، تارماق، ئورۇن، شەخستىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىلمىي، ھەرىكەتچان تەڭشەپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، چىڭ، پۇختا، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان خادىملارنى رايون بويىچە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشنى قاتتىق، تېز قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىشنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پورتلارنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، 60 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈشى، مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. مۇلازىمەتنىڭ ئىللىقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا پائال ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ غەم ـ ئەندىشىسى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى چۈشىنىدىغان، قوللايدىغان، ماسلىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ليۇ سۇشې يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.