تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تۈرلەرنى تۇتۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىشنى باشلاشنىڭ ئۆزى ھەل قىلغۇچ جەڭ، قەدەم ئېلىش ئاتاكىغا ئۆتۈشتۇر. 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايون 2022 - يىلى 1 - پەسىلدە مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش بۇرغىسىنى چالدى. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان، ئىش باشلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ كۆپلۈكى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، سېلىنما كۆلىمىنىڭ زورلۇقى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. جاراڭلىق ئىش باشلاش بۇرغىسى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەسىنى ياڭراتتى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنى دىققەتنى تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلەرنى تۇتۇپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

تۈر كەسىپنىڭ تىرىكى، كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئۇلى. تۈرنى تۇتقانلىق كەسىپنى گۈللەندۈرگەنلىك، كەسىپنى گۈللەندۈرگەنلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكتۇر. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى ھەم ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق تۇتقا، ھەم قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، تېخىمۇ مۇھىمى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. پەقەت مۇھىم، زور تۈرلەردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «ئىلگىرىلەش» ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «مۇقىملىق» ئاساسىنى پۇختىلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ «پايدا» ئۈنۈمىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن، دەل جايىدا تۇتۇش، ئەجەللىك يېرىدىن تۇتۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئىش باشلانغان 4467 تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ قوماندانلىق تايىقى زىچ چۆرىدىلىپ، دىققەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ قارالغان بولۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە، تۈر ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان مەبلەغ سېلىش كۆلىمى چوڭ، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرۈنەرلىك تۈرتكە بولىدىغان زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ياخشىلايدىغان، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈۋرۈككە ئايلاندى؛ زور بىر تۈركۈم «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» تۈرلەر، كەسىپ تۈرلىرى ئەنئەنىۋى كەسىپ ئەۋزەللىكى بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئەۋزەللىكىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىلەشتۈرگەن، رېئال ئېھتىياج ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

تۈر ئالتۇن ئۇرۇق، كەسىپ جان تومۇر. ئۇرۇقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مۇقەررەر ھالدا كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. بۇ مۇھىم، زور تۈرلەر كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ۋاسىتە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ زورايتىدىغان موتور. قەشقەر كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى رايونى تۈرى، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم باغچە رايونى تۈرلىرى مۇقەررەر ھالدا شۇ جاينىڭ يول ئىقتىسادىنىڭ تۈگۈن ئىقتىسادى، كەسىپ ئىقتىسادى، ماكانلاشقان ئىقتىسادقا ئۆزگىرىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى تۈرى، ئاقسۇ يورۇقلۇق ئېلېكتىر كەسىپلەر باغچىسى UTG ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز، ئەۋرىشىم ئەينەك تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يېتەكچى كەسىپلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىشى، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ تىرەش كۈچى، تارتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. تۈرنى تۇتۇشنىڭ جايىدا بولۇش - بولماسلىقى، تېز بولۇش - بولماسلىقى، ياخشى بولۇش - بولماسلىقى تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن «تەرەققىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ھەم ياخشى، ھەم تېز تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، يېڭى كەيپىياتنىڭ نامايان قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.