تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى «شامال، يورۇقلۇق، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش» بويىچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان پاكىز ئېنېرگىيە بازىسىدا قۇرۇلۇش باشلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى «شامال، يورۇقلۇق، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش» بويىچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تۈر شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش ئەندىزىسى ئەۋزەللىكىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئامىللارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمايدىغان شامال، يورۇقلۇق بايلىقىنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالايدۇ. يورۇقلۇق ياكى شامال بار شارائىتتا، ئالدى بىلەن قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئارقىلىق ھەم ئوت ئېلېكتىرىنى ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر تورى ئابۇنىچىلىرىغا يەتكۈزىدۇ. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوشۇقچىلىقى كۆرۈلگەندە، ئېشىنچا توك مىقدارىنى ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ساقلاپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ئاندىن قويۇپ بېرىپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون كىلوۋات بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىرى 800 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى 200 مىڭ كىلوۋات. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى 2 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت «يېشىل ئېلېكتىر» يېڭىدىن كۆپىيىدۇ، 830 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجىلىدۇ، كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى 2 مىليون 100 مىڭ توننا ئازىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۈر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئون گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ دەرىجىسىنى جانلىق ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلايدۇ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى كۆمۈردىن توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق، كۆمۈر قالاش سەرپىياتى ۋە كاربون (IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور چاڭ جياشىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈرگە ئالتە مېگاۋات دەرىجىلىك شامال گېنېراتورى ئىشلىتىلگەن، بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ھازىرقى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق شامال كۈچى گېنېراتورى بولۇپ، لايىھەدە شىفىرلاشتۇرۇپ جايلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلگەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە نىسبىتىنى ئۆستۈرىدىكەن، بۇ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.