تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈر قۇرۇلۇشى باھار دولقۇنىدا جۇش ئۇردى ھەيۋەتلىك تەرەققىيات مەنزىرىسى بەس ـ بەستە نامايان بولدى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىكى ئىسسىقلىق ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلەر باغچىسى تۈرى قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدە مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 224 داۋاملاشما قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان %52 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، پۈتۈن يىللىق مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. □شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى قاراماي شەھىرىنىڭ 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدە مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. قاراماي شەھىرى بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان تۈردىن112نى، يېڭىدىن ئىش باشلايدىغان تۈردىن 64نى پىلانلىدى، يۇقىرىقى ئىككى تۈرگە جەمئىي 66 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. □لى خاۋرەن فوتوسى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار شىنجاڭ جۇڭخې خېجۇڭ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق كاربوكسىل كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون توننا بولغان ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىن مەھسۇلاتلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. قومۇل شەھىرى بۇ يىل مۇھىم، زور تۈرلەردىن 287 نى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 210 مىليارد 800 مىليون يۈەن، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 30 مىليارد 800 مىليون يۈەن. □پولات نىياز فوتوسى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ چوڭتاش جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ قۇرۇلۇش ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان قۇملاق دەرياسىنىڭ چوڭتاش جىلغىسى بۆلىكىگە جايلاشقان، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 1 مىليارد 174 مىليون كۇب مېتىر، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 750 مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ. □ياڭ شو فوتوسى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئىشچىلار قىزىلسۇ ئوبلاستى رۇنخۇا توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى توقۇمىچىلىق باغچىسى تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە 48 تۈردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 105 يېڭى تۈردە ئىش باشلاشنى پىلانلىدى، جەمئىي 32 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 200 مىڭ توننا بولغان سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا. بۇ يىل، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈردىن 704نى يولغا قويىدۇ. □خې لۇڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ.

ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش بۇرغىسىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەرەققىيات داۋامىدا زاپاس كۈچ توپلىغان شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشنى كۈتۈۋالدى.

3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدە 4467 ئۈچ دەرىجىلىك مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى. ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇدىن ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىتقىچە، تۇرپان ـ قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىغا يېڭى قان، يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېڭى تىرەش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسى قوشماقتا.

ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش... مۇھىم، زور تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا.

بۇ باھاردا، ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى ۋە سېلىنما يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى يىل مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكتەك ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىدىكى «ئون چوڭ مېخانىزم»نى كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

بۈگۈنكى تۈر قۇرۇلۇشى ئەتىكى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى تىرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى. «بىر تۈركۈمىنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمىدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمىنى زاپاس ساقلاش»، مۇشۇنداق ياخشى ئايلىنىشتا، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.