تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەيۋەتلىك باھار شامىلىدا تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى ياڭرىتايلى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا مەردانە قەدەم تېزلەشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ دىققەتنى تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ، يېتىشىۋېلىپ، ئېشىپ كېتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا ئىلھام بېرىلدى. ھەيۋەتلىك باھار شامىلى مەۋج ئۇرۇۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭنىڭ چوڭ قۇرۇلۇشى، چوڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى ئادەتتىن تاشقىرى ياڭرىدى.

تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، تۈر بىرىنچى تىرەك. تۈر ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. مەيلى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بولسۇن ياكى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتە بولسۇن، ھەممىسىدە تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم تۇتۇش زۆرۈر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ تۈرلەرنى تۇتقاندىلا، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن، قەشقەر كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە توشۇش خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى رايونى تۈرىگىچە، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگىچە... بۇ قېتىم مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ئىش باشلانغان مۇھىم، زور تۈرلەر سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇرغۇن تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سېلىنما كۆلىمى چوڭ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشى، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئېگىزلىكنى پائال ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇش، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ھەر خىل تۈرلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىدە كەڭ بوشلۇق بار. مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراققا باغلىغان زور ئۈمىدىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا، پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇسىغا ماسلاشقان بولۇپ، بۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «پۇرسىتى»دىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېز قۇرۇش «يۈزلىنىشى»دىن بولغان.

جۇشقۇن دۇمباق ساداسى ياڭراپ، بۇرغا ئاۋازى جەڭگە چاقىرماقتا. بىز «تەرەققىياتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۈرنى تۇتقانلىق دەل پۇرسەتنى تۇتقانلىق، تەرەققىياتنى تۇتقانلىق» دېگەن ئىدىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش، تۈرلەرنى تۇتۇش، كەسىپنى تۇتۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، تۈر نەق مەيدانىنى تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى «ئاساسلىق جەڭ مەيدانى» قىلىپ، ئەتىياز پەسىللىك قۇرۇلۇش قىلىش ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت بىلەن تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن زۆرۈر ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن تۈر قۇرۇلۇشلىرى داۋامىدىكى تۈرلۈك بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈنۈم ئارقىلىق ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تۇتۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى تۇتۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلچەم ئارقىلىق سۈپەتنى تۇتۇپ، «ئىككى يېڭىچە، بىر مۇھىم» تۈرلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپ تۈرلىرىدە خاسلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، موتورنىڭ ئەكس ساداسىغا ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىنى جور قىلىپ، ئۇنى باھاردىكى ئەڭ گۈزەل سىمفونىيەگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئازراقلا بىخەستەلىك قىلساق تەرەققىيات پۇرسىتى قولدىن كېتىپ قالىدۇ، تۈر قۇرۇلۇشىدا ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، بۇرچ تۇيغۇمىز، تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يولۋاستەك جەسۇر، يولۋاستەك تېتىك، جۇشقۇن، يولۋاستەك جاسارەتلىك روھ بىلەن، جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.