تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەزنىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

مەركەزنىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەركەزنىڭ سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دادۇر، ياغلىقدان ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى تەمىناتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى ئىسلاھاتى قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقان ئىشچىلارنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ، مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم ـ مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي ـ قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشنى چىڭىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. دادۇر، ياغلىقدان ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ دادۇر ۋە ياغلىقدان ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىپ، خاس ياغلىقداننى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دادۇر، ياغلىقدان ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈك يېغىنى زاپاس ساقلاش، تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنىغا بايراق بەرگەندە قىلغان تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيىدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا دېھقان ئىشچىلارنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، دېھقان ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈردە ھەل قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش بىلەن پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ تۈزەپ، دىققەتنى رەقەملىك تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپتىن تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئازايتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت ئارقىلىق دېھقان ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.