تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 1 ـ پەسىلدە مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ھالدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئىش باشلاندى

ما شىڭرۇي مۇراسىمغا قاتناشتى ئەركىن تۇنىياز ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2022 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىدە مەركەزلىك ھالدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، خەلق تۇرمۇشى، كەسىپ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تۈرلەردە ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شىنجاڭ پۈتۈن بىر يىلدا سېلىنما كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 8770 تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. 1 ـ پەسىلدە 4467 تۈردە ئىش ئەسلىگە كەلگەن، ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر27 ، 1 مىليارد يۈەندىن 5 مىليارد يۈەنگىچە بولغان تۈر 103. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئۆز رايونىنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاشنىڭ ئالتۇن قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ جەھەتتە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئامىلى ئېھتىياجىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرگە بولغان قوللاش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، زاپاس تۈرلەرنى ئىز قوغلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، ھەرقايسى تۈر ئورۇنلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەكىلۋازلىقتىن، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى قۇرۇلۇش قىلىپ، مەبلەغنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئەڭ زور ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.