تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پاراڭلاشتى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، كۆپ نۇقتىدا يەرلىك توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈزبەردى، ئومىكېرون ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ تارقىلىشى تېز، يوشۇرۇنچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم، ماددىي ئەشيا، مۇھىت جەھەتتە تەڭ مۇداپىئە كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىلمىي بولغان، دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىلغان، دەل جايىدا بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «تۆت بالدۇر»دا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى ئىش ئورنىدىكى كىشىلەر توپىغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈشتە «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئانتىگېننى شاللاپ تەكشۈرۈش، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش»تەك كۆزىتىپ ئۆلچەش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، رايون ھالقىغان ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتىرى بار كىشىلەر توپىنى بىرىنچى ۋاقىتتا شۇ جاينىڭ ئۆزىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، پورتلارنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بايقاشنىڭ دەل ۋاقتىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنى بالدۇر بايقاش، يۇقۇمنى بالدۇر يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، ئالدىنئالا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، داۋالىنىشى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماسكا تاقاش، قولنى پات - پات يۇيۇش، توپلاشماسلىق، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ياخشى ماسلىشىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنى يۇقۇمغا توغرا، ئىدراكىي مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، ئاكتىپ، ساغلام ۋە تەرتىپلىك ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.