تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك

لى يىفېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

ما شىڭرۇي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىگە كېلىپ، سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى سىياسىي ـ قانۇن كادىر ـ ساقچىلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي ـ قانۇن تارماقلىرى، بولۇپمۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى، كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قانۇن ـ نىزام، سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇننى يولغا قويۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ـ قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق مەخسۇس قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، مۇنتىزىملىشىشى، كەسىپلىشىشى، كەسپىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي ساپا ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ـ قانۇن كادىر ـ ساقچىلىرىنىڭ قانۇن، سىياسەتلەردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، پەن ـ تېخنىكىنى قوللىنىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى قانۇنچىل شىنجاڭ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇنچىللىقنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىللىق يولىدا شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، چېن مىڭگو قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.